نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
4275 | 42 | 3 | كذلك يوحي إليك وإلى الذين من قبلك الله العزيز الحكيم |
| | | غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى اﷲ ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە مۇشۇنداق ۋەھىي قىلىدۇ |
|
4276 | 42 | 4 | له ما في السماوات وما في الأرض وهو العلي العظيم |
| | | ئاسمانلاردىكى شەيئىلەر ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، اﷲ نىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، اﷲ ئۈستۈندۇر، كاتتىدۇر |
|
4277 | 42 | 5 | تكاد السماوات يتفطرن من فوقهن والملائكة يسبحون بحمد ربهم ويستغفرون لمن في الأرض ألا إن الله هو الغفور الرحيم |
| | | (اﷲ نىڭ كاتتىلىقىدىن) ئاسمانلار يۇقىرى تەرىپىدىن يېرىلىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ، پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، يەر يۈزىدىكىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. بىلىڭلاركى، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
|
4278 | 42 | 6 | والذين اتخذوا من دونه أولياء الله حفيظ عليهم وما أنت عليهم بوكيل |
| | | اﷲ نى قويۇپ (بۇتلارنى) ئىگە قىلىۋالغانلارنىڭ (ئەمەللىرىنى) اﷲ كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن |
|
4279 | 42 | 7 | وكذلك أوحينا إليك قرآنا عربيا لتنذر أم القرى ومن حولها وتنذر يوم الجمع لا ريب فيه فريق في الجنة وفريق في السعير |
| | | مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، (كىشىلەرنى) قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ساڭا بىز مۇشۇنداق ئەرەبچە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق، ئۇ كۈندە ھېچ شەك يوقتۇر، (ئۇ كۈندە) بىر پىرقە (كىشىلەر) جەننەتتە ۋە بىر پىرقە كىشىلەر جەھەننەمدە بولىدۇ |
|
4280 | 42 | 8 | ولو شاء الله لجعلهم أمة واحدة ولكن يدخل من يشاء في رحمته والظالمون ما لهم من ولي ولا نصير |
| | | ئەگەر اﷲ خالىسا، ئۇلارنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، لېكىن اﷲ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىگە داخىل قىلىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق ئىگە، ھېچقانداق مەدەتكار بولمايدۇ |
|
4281 | 42 | 9 | أم اتخذوا من دونه أولياء فالله هو الولي وهو يحيي الموتى وهو على كل شيء قدير |
| | | بەلكى ئۇلار اﷲ تىن باشقىلارنى ئىگە قىلىۋالدى، پەقەت اﷲ ئىگىدۇر، اﷲ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىر |
|
4282 | 42 | 10 | وما اختلفتم فيه من شيء فحكمه إلى الله ذلكم الله ربي عليه توكلت وإليه أنيب |
| | | سىلەر (دىن ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا) ھەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، ئۇنىڭغا اﷲ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) ئەنە شۇ اﷲ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، (ھەممە ئىشتا) اﷲ قا مۇراجىئەت قىلىمەن |
|
4283 | 42 | 11 | فاطر السماوات والأرض جعل لكم من أنفسكم أزواجا ومن الأنعام أزواجا يذرؤكم فيه ليس كمثله شيء وهو السميع البصير |
| | | اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر، اﷲ سىلەرگە ئۆز جىنسىڭلاردىن جۈپتىلەرنى (يەنى ئاياللارنى) ياراتتى. ھايۋانلارغىمۇ ئۆز تىپىدىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. بۇ ئارقىلىق اﷲ سىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ھېچ شەيئى اﷲ قا ئوخشاش ئەمەستۇر، اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر |
|
4284 | 42 | 12 | له مقاليد السماوات والأرض يبسط الرزق لمن يشاء ويقدر إنه بكل شيء عليم |
| | | ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر، اﷲ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (سىناش يۈزىسىدىن) كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (بالاغا مۇپتىلا قىلىپ سىناش يۈزىسىدىن) تار قىلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر |
|