نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
4241 | 41 | 23 | وذلكم ظنكم الذي ظننتم بربكم أرداكم فأصبحتم من الخاسرين |
| | | پەرۋەردىگارىڭلارغا قىلغان ئەنە شۇ (قەبىھ) گۇمانىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار |
|
4242 | 41 | 24 | فإن يصبروا فالنار مثوى لهم وإن يستعتبوا فما هم من المعتبين |
| | | ئەگەر ئۇلار (ئازابقا) چىدىسا، (چىداملىقنىڭ پايدىسى يوق) دوزاخ ئۇلارنىڭ جايىدۇر، ئەگەر ئۇلار (اﷲ تىن) رازىلىق تىلىسە، ھەرگىز رازىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ |
|
4243 | 41 | 25 | وقيضنا لهم قرناء فزينوا لهم ما بين أيديهم وما خلفهم وحق عليهم القول في أمم قد خلت من قبلهم من الجن والإنس إنهم كانوا خاسرين |
| | | ئۇلارغا بىز (شەيتانلاردىن) دوستلارنى مۇسەللەت قىلدۇق، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) ئۇلارغا ئالدى - كەينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى قەبىھ ئەمەللىرىنى) چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان (گۇناھكار شەقى) ئۈممەتلەر قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى، چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى |
|
4244 | 41 | 26 | وقال الذين كفروا لا تسمعوا لهذا القرآن والغوا فيه لعلكم تغلبون |
| | | كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئۇنى ئېلىشتۇرۇۋېتىڭلار، سىلەر غەلىبە قىلىشىڭلار مۇمكىن» دەيدۇ |
|
4245 | 41 | 27 | فلنذيقن الذين كفروا عذابا شديدا ولنجزينهم أسوأ الذي كانوا يعملون |
| | | بىز كاپىرلارغا چوقۇم قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز، بىز ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىغا ئەڭ قاتتىق جازا بېرىمىز |
|
4246 | 41 | 28 | ذلك جزاء أعداء الله النار لهم فيها دار الخلد جزاء بما كانوا بآياتنا يجحدون |
| | | اﷲ نىڭ دۈشمەنلىرىگە بېرىلىدىغان جازا ئەنە شۇ دوزاختۇر، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرىدىغان جايى دوزاختۇر، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا) شۇنداق جازا بېرىلىدۇ |
|
4247 | 41 | 29 | وقال الذين كفروا ربنا أرنا اللذين أضلانا من الجن والإنس نجعلهما تحت أقدامنا ليكونا من الأسفلين |
| | | كاپىرلار: «پەرۋەردىگارىمىز! ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بىزنى ئازدۇرغانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن، (ئۇلارنىڭ) ئەڭ خارلاردىن بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاياغلىرىمىزنىڭ ئاستىدا چەيلەيمىز» دېدى |
|
4248 | 41 | 30 | إن الذين قالوا ربنا الله ثم استقاموا تتنزل عليهم الملائكة ألا تخافوا ولا تحزنوا وأبشروا بالجنة التي كنتم توعدون |
| | | شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز اﷲ دۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (اﷲ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ |
|
4249 | 41 | 31 | نحن أولياؤكم في الحياة الدنيا وفي الآخرة ولكم فيها ما تشتهي أنفسكم ولكم فيها ما تدعون |
| | | شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز اﷲ دۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (اﷲ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ |
|
4250 | 41 | 32 | نزلا من غفور رحيم |