نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
4222 | 41 | 4 | بشيرا ونذيرا فأعرض أكثرهم فهم لا يسمعون |
| | | (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچىدۇر، (كاپىرلارنى دوزاخ بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى (ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى پىكىر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار (ئۇنىڭغا) قۇلاق سالمايدۇ |
|
4223 | 41 | 5 | وقالوا قلوبنا في أكنة مما تدعونا إليه وفي آذاننا وقر ومن بيننا وبينك حجاب فاعمل إننا عاملون |
| | | ئۇلار (پەيغەمبەرگە): «بىزنىڭ دىللىرىمىز سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىلەردىن پەردىلەنگەن، قۇلاقلىرىمىز ئېغىر، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە (يەنى دىنىي جەھەتتە ئوخشىماسلىق) بار، سەن ئۆز ئىشىڭنى قىل، بىزمۇ ھەقىقەتەن ئۆز ئىشىمىزنى قىلايلى (يەنى سەنمۇ ئۆز دىنىڭ بىلەن بول، بىزمۇ ئۆز دىنىمىز بىلەن بولايلى)» دەيدۇ |
|
4224 | 41 | 6 | قل إنما أنا بشر مثلكم يوحى إلي أنما إلهكم إله واحد فاستقيموا إليه واستغفروه وويل للمشركين |
| | | سەن (ئۇ مۇشرىكلارغا): «مەن سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمەن، ماڭا، ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، دەپ ۋەھيى قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا (ئىمان ۋە تائەت - ئىبادەت بىلەن) يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار!» دېگىن، مۇشرىكلارغا ۋاي! |
|
4225 | 41 | 7 | الذين لا يؤتون الزكاة وهم بالآخرة هم كافرون |
| | | ئۇلار زاكات بەرمەيدۇ، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ |
|
4226 | 41 | 8 | إن الذين آمنوا وعملوا الصالحات لهم أجر غير ممنون |
| | | ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئەلۋەتتە ئۈزلۈكسىز ساۋاب بېرىلىدۇ |
|
4227 | 41 | 9 | قل أئنكم لتكفرون بالذي خلق الأرض في يومين وتجعلون له أندادا ذلك رب العالمين |
| | | (سەن ئۇلارغا) «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان اﷲ نى ئىنكار قىلامسىلەر ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەر كەلتۈرەمسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن |
|
4228 | 41 | 10 | وجعل فيها رواسي من فوقها وبارك فيها وقدر فيها أقواتها في أربعة أيام سواء للسائلين |
| | | ئۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن تاغلارنى ياراتتى، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى، ئەھلى زېمىننىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى، (زېمىننى يارىتىش بىلەن ئاھالىسىنىڭ رىزقىنى بەلگىلەشنى كەم - زىيادىسىز) باراۋەر تۆت كۈندە (تاماملىدى)، (زېمىننىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىش مۇددىتىنى) سورىغۇچىلار ئۈچۈن (بۇ جاۋابتۇر) |
|
4229 | 41 | 11 | ثم استوى إلى السماء وهي دخان فقال لها وللأرض ائتيا طوعا أو كرها قالتا أتينا طائعين |
| | | ئاندىن ئۇ ئاسماننى (يارىتىشقا) يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار (يەنى ئەمرىمنى قوبۇل قىلىڭلار)» دېدى. ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى |
|
4230 | 41 | 12 | فقضاهن سبع سماوات في يومين وأوحى في كل سماء أمرها وزينا السماء الدنيا بمصابيح وحفظا ذلك تقدير العزيز العليم |
| | | اﷲ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى. ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى (يەنى ھەر ئاسماننىڭ ئېھتىياجلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى). ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق، بۇ ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى اﷲ نىڭ تەقدىرىدۇر |
|
4231 | 41 | 13 | فإن أعرضوا فقل أنذرتكم صاعقة مثل صاعقة عاد وثمود |
| | | ئەگەر ئۇلار (بۇ بايانلاردىن كېيىن ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (سەن ئۇلارغا): «سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن |
|