نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
4105 | 39 | 47 | ولو أن للذين ظلموا ما في الأرض جميعا ومثله معه لافتدوا به من سوء العذاب يوم القيامة وبدا لهم من الله ما لم يكونوا يحتسبون |
| | | ئەگەر (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كۆپ نەرسە بولىدىغان بولسا، قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازاب ئۈچۈن ئۇنى فىدىيە بەرگەن بولاتتى، ئۇلارغا اﷲ تەرىپىدىن (بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا) ئويلاپ باقمىغان ئازابلار ئاشكارا بولىدۇ |
|
4106 | 39 | 48 | وبدا لهم سيئات ما كسبوا وحاق بهم ما كانوا به يستهزئون |
| | | ئۇلارغا ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان يامان ئىشىلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغدا پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىنى) مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنى (قاتتىق) ئازاب ئورىۋالىدۇ |
|
4107 | 39 | 49 | فإذا مس الإنسان ضر دعانا ثم إذا خولناه نعمة منا قال إنما أوتيته على علم بل هي فتنة ولكن أكثرهم لا يعلمون |
| | | ئىنسانغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە، بىزگە دۇئا قىلىپ (ئىلتىجا قىلىدۇ)، ئاندىن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ بىرەر نېمىتىمىزنى ئاتا قىلساق، ئۇ: «بۇ نېمەت ماڭا ئۆز ئىلمىمدىن (يەنى پەزلىمدىن، ئەمگىكىمدىن، تىرىشچانلىقىمدىن، رىزىق تېپىشنىڭ يوللىرىنى بىلگەنلىكىمدىن) كەلدى» دەيدۇ. (ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس) بەلكى ئۇ سىناقتۇر (يەنى نېمەت ئاتا قىلىش بىلەن، ئۇنى ئىتائەت قىلامدۇ؟ ئاسىيلىق قىلامدۇ؟ دەپ سىنايمىز). لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ |
|
4108 | 39 | 50 | قد قالها الذين من قبلهم فما أغنى عنهم ما كانوا يكسبون |
| | | مۇنداق سۆزنى ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ قىلغان، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن مال - مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى |
|
4109 | 39 | 51 | فأصابهم سيئات ما كسبوا والذين ظلموا من هؤلاء سيصيبهم سيئات ما كسبوا وما هم بمعجزين |
| | | ئۇلار (دۇنيادا) قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغانلارمۇ قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، ئۇلار ئازابىمىزدىن قۇتۇلالمايدۇ |
|
4110 | 39 | 52 | أولم يعلموا أن الله يبسط الرزق لمن يشاء ويقدر إن في ذلك لآيات لقوم يؤمنون |
| | | ئۇلار بىلمەمدۇكى، اﷲ (سىناش يۈزىسىدىن) خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، شەك - شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار |
|
4111 | 39 | 53 | قل يا عبادي الذين أسرفوا على أنفسهم لا تقنطوا من رحمة الله إن الله يغفر الذنوب جميعا إنه هو الغفور الرحيم |
| | | (ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
|
4112 | 39 | 54 | وأنيبوا إلى ربكم وأسلموا له من قبل أن يأتيكم العذاب ثم لا تنصرون |
| | | سىلەرگە ئازاب كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمىگىنىڭلاردىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار |
|
4113 | 39 | 55 | واتبعوا أحسن ما أنزل إليكم من ربكم من قبل أن يأتيكم العذاب بغتة وأنتم لا تشعرون |
| | | سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار» |
|
4114 | 39 | 56 | أن تقول نفس يا حسرتا على ما فرطت في جنب الله وإن كنت لمن الساخرين |
| | | ھەر قانداق ئادەم: «اﷲ نىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ھەسرەت! مەن (اﷲ نىڭ شەرىئىتىنى ۋە دىنىنى) مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن |
|