نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
3957 | 37 | 169 | لكنا عباد الله المخلصين |
| | | ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ |
|
3958 | 37 | 170 | فكفروا به فسوف يعلمون |
| | | ئۇلار ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىشتى، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ |
|
3959 | 37 | 171 | ولقد سبقت كلمتنا لعبادنا المرسلين |
| | | بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان |
|
3960 | 37 | 172 | إنهم لهم المنصورون |
| | | ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر |
|
3961 | 37 | 173 | وإن جندنا لهم الغالبون |
| | | بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر |
|
3962 | 37 | 174 | فتول عنهم حتى حين |
| | | ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) دىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن |
|
3963 | 37 | 175 | وأبصرهم فسوف يبصرون |
| | | ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ |
|
3964 | 37 | 176 | أفبعذابنا يستعجلون |
| | | ئۇلار ئازابىمىزنىڭ بالدۇر نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ |
|
3965 | 37 | 177 | فإذا نزل بساحتهم فساء صباح المنذرين |
| | | ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان! |
|
3966 | 37 | 178 | وتول عنهم حتى حين |
| | | ئۇلاردىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن |
|