نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
3946 | 37 | 158 | وجعلوا بينه وبين الجنة نسبا ولقد علمت الجنة إنهم لمحضرون |
| | | ئۇلار: «اﷲ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا - باجىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك - شۈبھىسىز بىلىدۇكى، ئۇلار (يەنى شۇ سۆزنى قىلغۇچىلار) (دوزاخقا) چوقۇم ھازىر قىلىنىپ (شۇ يەردە ئازاب چېكىدۇ) |
|
3947 | 37 | 159 | سبحان الله عما يصفون |
| | | اﷲ ئۇلارنىڭ (اﷲ نىڭ بالىسى بار دەپ) سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر |
|
3948 | 37 | 160 | إلا عباد الله المخلصين |
| | | لېكىن اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى اﷲ نى ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاك ئېتىقاد قىلىدۇ) |
|
3949 | 37 | 161 | فإنكم وما تعبدون |
| | | (ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (اﷲ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ |
|
3950 | 37 | 162 | ما أنتم عليه بفاتنين |
| | | (ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (اﷲ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ |
|
3951 | 37 | 163 | إلا من هو صال الجحيم |
| | | (ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (اﷲ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ |
|
3952 | 37 | 164 | وما منا إلا له مقام معلوم |
| | | (پەرىشتىلەر) ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئورنى بار |
|
3953 | 37 | 165 | وإنا لنحن الصافون |
| | | بىز ھەقىقەتەن (ئىبادەتتە) سەپ تارتىپ تۇرغۇچىلارمىز |
|
3954 | 37 | 166 | وإنا لنحن المسبحون |
| | | بىز ھەقىقەتەن (اﷲ قا) تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز» |
|
3955 | 37 | 167 | وإن كانوا ليقولون |
| | | ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ |
|