نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
3933 | 37 | 145 | فنبذناه بالعراء وهو سقيم |
| | | ئۇنى بىز (دېڭىز ساھىلىدىكى) بىر قۇرغاق يەرگە (بېلىقنىڭ قارنىدىن) ئاتتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېسەل ئىدى |
|
3934 | 37 | 146 | وأنبتنا عليه شجرة من يقطين |
| | | ئۇنىڭ ئۈستىگە (سايە تاشلاپ تۇرۇش ئۈچۈن) بىر تۈپ كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق |
|
3935 | 37 | 147 | وأرسلناه إلى مائة ألف أو يزيدون |
| | | ئۇنى بىز 100 مىڭ، بەلكى (بۇنىڭدىنمۇ) كۆپ (بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق |
|
3936 | 37 | 148 | فآمنوا فمتعناهم إلى حين |
| | | (ئۇلار ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا) ئىمان ئېيتتى. مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر) ئۇلارنى (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلدۇق |
|
3937 | 37 | 149 | فاستفتهم ألربك البنات ولهم البنون |
| | | (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە) دىن سوراپ باققىنكى، قىزلار پەرۋەردىگارىڭغا، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ؟ |
|
3938 | 37 | 150 | أم خلقنا الملائكة إناثا وهم شاهدون |
| | | ياكى بىز پەرىشتىلەرنى چىشى ياراتقان بولۇپ، ئۇلار (بىزنىڭ ياراتقانلىقىمىزنى) كۆرۈپ تۇرغانمۇ؟ (شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەمدۇ؟) |
|
3939 | 37 | 151 | ألا إنهم من إفكهم ليقولون |
| | | بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «اﷲ نىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر |
|
3940 | 37 | 152 | ولد الله وإنهم لكاذبون |
| | | بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «اﷲ نىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر |
|
3941 | 37 | 153 | أصطفى البنات على البنين |
| | | اﷲ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟ |
|
3942 | 37 | 154 | ما لكم كيف تحكمون |
| | | سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟ |
|