نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
392 | 3 | 99 | قل يا أهل الكتاب لم تصدون عن سبيل الله من آمن تبغونها عوجا وأنتم شهداء وما الله بغافل عما تعملون |
| | | (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقىغا) شاھىت بولۇپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن اﷲ نىڭ يولىنى ئەگرى كۆرسىتىشنى قەستلەپ، مۆمىنلەرنى ئۇنىڭدىن توسىسىلەر؟ اﷲ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر» |
|
393 | 3 | 100 | يا أيها الذين آمنوا إن تطيعوا فريقا من الذين أوتوا الكتاب يردوكم بعد إيمانكم كافرين |
| | | ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئەھلى كىتابتىن بىر پىرقىغە ئىتائەت قىلساڭلار، مۆمىن بولغىنىڭلاردىن كېيىن، ئۇلار سىلەرنى كاپىر قىلىپ قويىدۇ |
|
394 | 3 | 101 | وكيف تكفرون وأنتم تتلى عليكم آيات الله وفيكم رسوله ومن يعتصم بالله فقد هدي إلى صراط مستقيم |
| | | سىلەرگە اﷲ نىڭ ئايەتلىرى ئوقۇلۇۋاتقان (يەنى ۋەھيى ئۈزۈلۈپ قالماي اﷲ نىڭ ئايەتلىرى نازىل بولۇۋاتقان) ۋە ئاراڭلاردا اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى (ھايات) تۇرغان تۇرسا، قانداقمۇ كاپىر بولۇسىلەر؟ كىمكى اﷲ قا (يەنى اﷲ نىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىدىكەن، ئۇ توغرا يولغا يېتەكلەنگەن بولىدۇ |
|
395 | 3 | 102 | يا أيها الذين آمنوا اتقوا الله حق تقاته ولا تموتن إلا وأنتم مسلمون |
| | | ئى مۆمىنلەر! اﷲ قا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار |
|
396 | 3 | 103 | واعتصموا بحبل الله جميعا ولا تفرقوا واذكروا نعمت الله عليكم إذ كنتم أعداء فألف بين قلوبكم فأصبحتم بنعمته إخوانا وكنتم على شفا حفرة من النار فأنقذكم منها كذلك يبين الله لكم آياته لعلكم تهتدون |
| | | ھەممىڭلار اﷲ نىڭ ئاغامچىسىغا (يەنى اﷲ نىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، اﷲ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، اﷲ نىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، اﷲ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ |
|
397 | 3 | 104 | ولتكن منكم أمة يدعون إلى الخير ويأمرون بالمعروف وينهون عن المنكر وأولئك هم المفلحون |
| | | سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر |
|
398 | 3 | 105 | ولا تكونوا كالذين تفرقوا واختلفوا من بعد ما جاءهم البينات وأولئك لهم عذاب عظيم |
| | | روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ |
|
399 | 3 | 106 | يوم تبيض وجوه وتسود وجوه فأما الذين اسودت وجوههم أكفرتم بعد إيمانكم فذوقوا العذاب بما كنتم تكفرون |
| | | شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بەزى يۈزلەر (يەنى مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرى) ئاقىرىدۇ، بەزى يۈزلەر (يەنى كۇففارلارنىڭ يۈزلىرى) قارىيىدۇ. يۈزى قارايغانلارغا (پەرىشتىلەر ئېيتىدۇكى) «ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلارمۇ؟ كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» |
|
400 | 3 | 107 | وأما الذين ابيضت وجوههم ففي رحمة الله هم فيها خالدون |
| | | يۈزى ئاقارغانلار اﷲ نىڭ رەھمىتىدە (يەنى جەننەتتە) بولىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدا (يەنى جەننەتتە) مەڭگۈ قالىدۇ |
|
401 | 3 | 108 | تلك آيات الله نتلوها عليك بالحق وما الله يريد ظلما للعالمين |
| | | بۇ، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىدۇر، ئۇلارنى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا راست ئوقۇپ بېرىمىز، اﷲ جاھان ئەھلىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ |
|