نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
3683 | 35 | 23 | إن أنت إلا نذير |
| | | سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن |
|
3684 | 35 | 24 | إنا أرسلناك بالحق بشيرا ونذيرا وإن من أمة إلا خلا فيها نذير |
| | | ھەقىقەتەن بىز سېنى ھەق (دىن) بىلەن (مۆمىنلەرگە) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارغا) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن |
|
3685 | 35 | 25 | وإن يكذبوك فقد كذب الذين من قبلهم جاءتهم رسلهم بالبينات وبالزبر وبالكتاب المنير |
| | | ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى، (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئوخشاش) سەھىپىلەرنى، (تەۋرات، ئىنجىلدەك) نۇرلۇق كىتابلارنى ئېلىپ كەلدى |
|
3686 | 35 | 26 | ثم أخذت الذين كفروا فكيف كان نكير |
| | | ئاندىن كاپىرلارنى جازالىدىم، (ئۇلارغا بەرگەن) ئازابىم قانداق ئىكەن؟ (يەنى ئۇلارغا قانداق قاتتىق ئازاب قىلدىم؟) |
|
3687 | 35 | 27 | ألم تر أن الله أنزل من السماء ماء فأخرجنا به ثمرات مختلفا ألوانها ومن الجبال جدد بيض وحمر مختلف ألوانها وغرابيب سود |
| | | كۆرمەمسەنكى، اﷲ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك اﷲ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى يوللۇقلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار |
|
3688 | 35 | 28 | ومن الناس والدواب والأنعام مختلف ألوانه كذلك إنما يخشى الله من عباده العلماء إن الله عزيز غفور |
| | | شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چاھارپايلارنىمۇ خىلمۇخىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، اﷲ نىڭ بەندىلىرى ئىچىدە اﷲ تىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (بەندىلىرى ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر |
|
3689 | 35 | 29 | إن الذين يتلون كتاب الله وأقاموا الصلاة وأنفقوا مما رزقناهم سرا وعلانية يرجون تجارة لن تبور |
| | | شۈبھىسىزكى، اﷲ نىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى (اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەرگە |
|
3690 | 35 | 30 | ليوفيهم أجورهم ويزيدهم من فضله إنه غفور شكور |
| | | اﷲ ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر |
|
3691 | 35 | 31 | والذي أوحينا إليك من الكتاب هو الحق مصدقا لما بين يديه إن الله بعباده لخبير بصير |
| | | ساڭا بىز ۋەھيى قىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر. ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ (راستلىقىنى) ئىسپاتلىغۇچىدۇر، اﷲ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر |
|
3692 | 35 | 32 | ثم أورثنا الكتاب الذين اصطفينا من عبادنا فمنهم ظالم لنفسه ومنهم مقتصد ومنهم سابق بالخيرات بإذن الله ذلك هو الفضل الكبير |
| | | ئاندىن بىز كىتاب (يەنى قۇرئان) نى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر (يەنى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغان بىلەن ئەمەل قىلمايدۇ)، بەزىسى ئوتتۇراھالدۇر (يەنى كۆپ چاغلاردا قۇرئانغا ئەمەل قىلىپ، قىسمەن چاغلاردا ئەمەل قىلمايدۇ) ۋە بەزىسى اﷲ نىڭ ئىزنى بويىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىدۇر. ئەنە شۇ كاتتا مەرھەمەتتۇر |
|