نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
3583 | 33 | 50 | يا أيها النبي إنا أحللنا لك أزواجك اللاتي آتيت أجورهن وما ملكت يمينك مما أفاء الله عليك وبنات عمك وبنات عماتك وبنات خالك وبنات خالاتك اللاتي هاجرن معك وامرأة مؤمنة إن وهبت نفسها للنبي إن أراد النبي أن يستنكحها خالصة لك من دون المؤمنين قد علمنا ما فرضنا عليهم في أزواجهم وما ملكت أيمانهم لكيلا يكون عليك حرج وكان الله غفورا رحيما |
| | | ئى پەيغەمبەر! ساڭا بىز سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، اﷲ ساڭا غەنىمەت قىلىپ بەرگەن، ئەسىر چۈشكەن ئاياللاردىن ئۆزۈڭ مالىك بولغانلارنى ھالال قىلدۇق، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى (ساڭا ھالال قىلدۇق). بۇلار سەن بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلدى. ئەگەر بىر مۆمىن خوتۇن ئۆزىنى پەيغەمبەرگە بەخش قىلسا، پەيغەمبەر ئۇنى (مەھرىسىز) ئېلىشىنى خالىسا، بۇنى مۆمىنلەرگە ئەمەس، يالغۇز ساڭىلا (ھالال قىلدۇق)، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق بىزنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىلىرىمىز بىزگە مەلۇمدۇر، ساڭا ھەرەج بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن (سېنى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلدۇق)، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
|
3584 | 33 | 51 | ترجي من تشاء منهن وتؤوي إليك من تشاء ومن ابتغيت ممن عزلت فلا جناح عليك ذلك أدنى أن تقر أعينهن ولا يحزن ويرضين بما آتيتهن كلهن والله يعلم ما في قلوبكم وكان الله عليما حليما |
| | | ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنىڭ نۆۋىتىنى ئارقىغا سۈرسەڭ، خالىغىنىڭ بىلەن (نۆۋىتىدىن باشقا ۋاقىتتا) بىر يەردە بولساڭ بولىۋېرىدۇ، (ۋاقىتلىق) ئايرىلىپ تۇرغان ئاياللىرىڭدىن بىرى بىلەن ھەمتۆشەك بولماقچى بولساڭ، ساڭا ھېچ گۇناھ يوقتۇر، (مانا) بۇ ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، قايغۇرماسلىقىغا، بەرگەنلىرىڭگە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رازى بولۇشىغا ئەڭ يېقىندۇر، اﷲ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ) |
|
3585 | 33 | 52 | لا يحل لك النساء من بعد ولا أن تبدل بهن من أزواج ولو أعجبك حسنهن إلا ما ملكت يمينك وكان الله على كل شيء رقيبا |
| | | (ئى پەيغەمبەر! ئىلكىڭدىكى ئاياللىرىڭدىن باشقا) يەنە خوتۇن ئالساڭ، ساڭا ھالال بولمايدۇ، باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى يەڭگۈشلەش (ساڭا ھالال بولمايدۇ). پەقەت سېنىڭ ئىلكىڭدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، اﷲ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر |
|
3586 | 33 | 53 | يا أيها الذين آمنوا لا تدخلوا بيوت النبي إلا أن يؤذن لكم إلى طعام غير ناظرين إناه ولكن إذا دعيتم فادخلوا فإذا طعمتم فانتشروا ولا مستأنسين لحديث إن ذلكم كان يؤذي النبي فيستحيي منكم والله لا يستحيي من الحق وإذا سألتموهن متاعا فاسألوهن من وراء حجاب ذلكم أطهر لقلوبكم وقلوبهن وما كان لكم أن تؤذوا رسول الله ولا أن تنكحوا أزواجه من بعده أبدا إن ذلكم كان عند الله عظيما |
| | | ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار، پەقەت تاماققا چاقىرىلغان ۋاقتىڭلاردىلا كىرىڭلار، (باشقا ۋاقىتتا رۇخسەت بىلەن كىرگەندە) تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار، لېكىن چاقىرىلغاندا كىرىڭلار يۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن تارقاپ كېتىڭلار، تاماقتىن كېيىن) پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرماڭلار، بۇ (يەنى تاماقتىن كېيىن پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇش) پەيغەمبەرنى رەنجىتىدۇ، پەيغەمبەر (بۇنى ئېيتىشقا) سىلەردىن خىجىل بولىدۇ، اﷲ ھەق (نى ئېيتىش) تىن خىجىل بولمايدۇ، سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ، سىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىپ قويۇشۇڭلار دۇرۇس ئەمەس، رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلارمۇ مەڭگۈ دۇرۇس ئەمەس، بۇنداق قىلىش (يەنى رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىش ۋە ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىش) ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ دەرگاھىدا چوڭ گۇناھتۇر |
|
3587 | 33 | 54 | إن تبدوا شيئا أو تخفوه فإن الله كان بكل شيء عليما |
| | | بىرەر نەرسىنى ئاشكارىلىساڭلارمۇ، يا (دىلىڭلاردا) يوشۇرساڭلارمۇ (اﷲ ھامان بىلىدۇ)، چۈنكى اﷲ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر |
|
3588 | 33 | 55 | لا جناح عليهن في آبائهن ولا أبنائهن ولا إخوانهن ولا أبناء إخوانهن ولا أبناء أخواتهن ولا نسائهن ولا ما ملكت أيمانهن واتقين الله إن الله كان على كل شيء شهيدا |
| | | ئۇلارغا (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا) ئاتىلىرى بىلەن، ئوغۇللىرى بىلەن، قېرىنداشلىرى بىلەن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، مۆمىن ئاياللار بىلەن، قۇل، چۆرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ھېچ گۇناھ ئەمەس، (ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى!) اﷲ تىن قورقۇڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر |
|
3589 | 33 | 56 | إن الله وملائكته يصلون على النبي يا أيها الذين آمنوا صلوا عليه وسلموا تسليما |
| | | اﷲ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلىدۇ، شەنىنى ئۇلۇغ قىلىدۇ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ)، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرگە) مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار (چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققى چوڭدۇر، ئۇ سىلەرنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە، زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقارغۇچىدۇر) |
|
3590 | 33 | 57 | إن الذين يؤذون الله ورسوله لعنهم الله في الدنيا والآخرة وأعد لهم عذابا مهينا |
| | | اﷲ نى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلار (يەنى اﷲ ۋە رەسۇلۇللاھ يامان كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىدىغانلار) نى اﷲ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييار لايدۇ |
|
3591 | 33 | 58 | والذين يؤذون المؤمنين والمؤمنات بغير ما اكتسبوا فقد احتملوا بهتانا وإثما مبينا |
| | | مۆمىنلەر ۋە مۆمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بۇھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ |
|
3592 | 33 | 59 | يا أيها النبي قل لأزواجك وبناتك ونساء المؤمنين يدنين عليهن من جلابيبهن ذلك أدنى أن يعرفن فلا يؤذين وكان الله غفورا رحيما |
| | | ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ - دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. اﷲ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
|