نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
350 | 3 | 57 | وأما الذين آمنوا وعملوا الصالحات فيوفيهم أجورهم والله لا يحب الظالمين |
| | | ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا كەلسەك، اﷲ ئۇلارنىڭ (قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ. اﷲ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ (زالىملارنى دوست تۇتمايدىغان زات قانداقمۇ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلسۇن؟) |
|
351 | 3 | 58 | ذلك نتلوه عليك من الآيات والذكر الحكيم |
| | | (ئى مۇھەممەد!) بۇ بولسا ساڭا بىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەردۇر ۋە ھېكمەتلىك قۇرئاندۇر |
|
352 | 3 | 59 | إن مثل عيسى عند الله كمثل آدم خلقه من تراب ثم قال له كن فيكون |
| | | شۈبھىسىزكى، اﷲ نىڭ نەزىرىدە ئىسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى اﷲ (ئاتا - ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېدى - دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى (ئىسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس) |
|
353 | 3 | 60 | الحق من ربك فلا تكن من الممترين |
| | | (ئىسا ھەققىدىكى بۇ سۆز) اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر، سەن شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن |
|
354 | 3 | 61 | فمن حاجك فيه من بعد ما جاءك من العلم فقل تعالوا ندع أبناءنا وأبناءكم ونساءنا ونساءكم وأنفسنا وأنفسكم ثم نبتهل فنجعل لعنت الله على الكاذبين |
| | | سەن ئىسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىڭدىن كېيىن، كىملەركى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا: «كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، اﷲ نىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ اﷲ قا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى» دېگىن |
|
355 | 3 | 62 | إن هذا لهو القصص الحق وما من إله إلا الله وإن الله لهو العزيز الحكيم |
| | | شۈبھىسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە راست قىسسىدۇر. بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
|
356 | 3 | 63 | فإن تولوا فإن الله عليم بالمفسدين |
| | | ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (ئۇلار بۇزغۇنچىلاردۇر)، شۈبھىسىزكى، اﷲ بۇزغۇنچىلارنى بىلىپ تۇرىدۇ |
|
357 | 3 | 64 | قل يا أهل الكتاب تعالوا إلى كلمة سواء بيننا وبينكم ألا نعبد إلا الله ولا نشرك به شيئا ولا يتخذ بعضنا بعضا أربابا من دون الله فإن تولوا فقولوا اشهدوا بأنا مسلمون |
| | | «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت اﷲ غىلا ئىبادەت قىلىش، اﷲ قا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، اﷲ نى قويۇپ بىر - بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى بىرخىل ئەقىدىگە) ئەمەل قىلايلى» دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): «(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار |
|
358 | 3 | 65 | يا أهل الكتاب لم تحاجون في إبراهيم وما أنزلت التوراة والإنجيل إلا من بعده أفلا تعقلون |
| | | ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولدى. (سۆزۈڭلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى) چۈشەنمەمسىلەر؟ |
|
359 | 3 | 66 | ها أنتم هؤلاء حاججتم فيما لكم به علم فلم تحاجون فيما ليس لكم به علم والله يعلم وأنتم لا تعلمون |
| | | (ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) سىلەر شۇنداق كىشىلەر سىلەركى، بىلىدىغان نەرسەڭلار (ئىسا) ئۈستىدە مۇنازىرىلەشتىڭلار، ئەمدى سىلەر بىلمەيدىغان نەرسەڭلار (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ دىنى) ئۈستىدم نېمىشقا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنىڭ ئىشىدىكى ھەقىقەتنى) اﷲ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر» دەڭلار |
|