نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
3459 | 30 | 50 | فانظر إلى آثار رحمت الله كيف يحيي الأرض بعد موتها إن ذلك لمحيي الموتى وهو على كل شيء قدير |
| | | اﷲ نىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغىنكى، ئۇ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدۇ، شۈبھىسىزكى، اﷲ ھەقىقەتەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگۈچىدۇر، اﷲ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر |
|
3460 | 30 | 51 | ولئن أرسلنا ريحا فرأوه مصفرا لظلوا من بعده يكفرون |
| | | ئەگەر بىز (زىرائەتكە زىيانلىق) شامالنى ئەۋەتسەك، ئۇلار (شامالنىڭ تەسىرىدىن) زىرائەتنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار (اﷲ نىڭ ئىلگىرىكى نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلىدۇ |
|
3461 | 30 | 52 | فإنك لا تسمع الموتى ولا تسمع الصم الدعاء إذا ولوا مدبرين |
| | | شۈبھىسىزكى، سەن ئۆلۈكلەرگە (سۆزۈڭنى) ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىغا قاراپ يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغىمۇ چاقىرىقىڭنى ئاڭلىتالمايسەن |
|
3462 | 30 | 53 | وما أنت بهاد العمي عن ضلالتهم إن تسمع إلا من يؤمن بآياتنا فهم مسلمون |
| | | كورلارنىمۇ گۇمراھلىقتىن قۇتقۇزۇپ توغرا يولغا سالالمايسەن، سەن پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغىلا (سۆزۈڭنى) ئاڭلىتالايسەن، ئۇلار مۇسۇلمانلاردۇر |
|
3463 | 30 | 54 | الله الذي خلقكم من ضعف ثم جعل من بعد ضعف قوة ثم جعل من بعد قوة ضعفا وشيبة يخلق ما يشاء وهو العليم القدير |
| | | اﷲ سىلەرنى ئاجىز ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئاجىزلىقتىن كۈچلۈك قىلدى، ئاندىن (سىلەرنى) كۈچلۈكلۈكتىن ئاجىز قىلدى ۋە (سىلەرگە) قېرىلىقنى يەتكۈزدى، اﷲ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، ئۇ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر |
|
3464 | 30 | 55 | ويوم تقوم الساعة يقسم المجرمون ما لبثوا غير ساعة كذلك كانوا يؤفكون |
| | | قىيامەت قايىم بولغان كۈندە مۇشرىكلار (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار دۇنيادىكى چاغلىرىدىمۇ مۇشۇنداق يالغانچىلىق قىلاتتى |
|
3465 | 30 | 56 | وقال الذين أوتوا العلم والإيمان لقد لبثتم في كتاب الله إلى يوم البعث فهذا يوم البعث ولكنكم كنتم لا تعلمون |
| | | ئىلمى بار، ئىمانى بار ئادەملەر ئېيتتى: «سىلەر اﷲ نىڭ تەقدىرى بويىچە (دۇنيادا ۋە قەبرىلەردە) قىيامەت كۈنىگىچە قالدىڭلار، مانا بۇ قىيامەت كۈنىدۇر، لېكىن سىلەر بىلمەيتتىڭلار (يەنى قىيامەتنىڭ ھەقلىقىغا ئىشەنمەيتتىڭلار)» |
|
3466 | 30 | 57 | فيومئذ لا ينفع الذين ظلموا معذرتهم ولا هم يستعتبون |
| | | بۇ كۈندە زالىملارنىڭ (ئېيتقان) ئۆزرىسىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلاردىن ئۇلارنىڭ (تەۋبە قىلىشى يا ئىتائەت قىلىشى بىلەن) اﷲ نى رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ |
|
3467 | 30 | 58 | ولقد ضربنا للناس في هذا القرآن من كل مثل ولئن جئتهم بآية ليقولن الذين كفروا إن أنتم إلا مبطلون |
| | | شەك - شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئاندا كىشىلەرگە تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق، ئەگەر سەن ئۇلارغا (قۇرئان ئايەتلىرىدىن) بىرەر ئايەتنى كەلتۈرسەڭ، كاپىرلار (دىللىرى قەساۋەتلىشىپ كەتكەنلىكتىن) چوقۇم ئېيتىدۇكى، «سىلەر پەقەت يالغانچىلار سىلەر» |
|
3468 | 30 | 59 | كذلك يطبع الله على قلوب الذين لا يعلمون |
| | | (اﷲ نىڭ بىرلىكىنى) بىلمەيدىغان (كۇففار) لارنىڭ دىللىرىنى مۇشۇنداق پېچەتلەيمىز |
|