نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
3379 | 29 | 39 | وقارون وفرعون وهامان ولقد جاءهم موسى بالبينات فاستكبروا في الأرض وما كانوا سابقين |
| | | (دۇنيا - دەپنىسى نۇرغۇن) قارۇننى، پىرئەۋننى ۋە (ئۇنىڭ زۇلۇمدا ياردەمچى بولغان ۋەزىرى) ھاماننى (ھالاك قىلدۇق)، شۈبھىسىزكى، مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى (يەنى اﷲ قا ئىبادەت قىلىشتىن، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن بويۇنتاۋلىق قىلدى)، ئۇلار (ئازابىمىزدىن) قېچىپ كېتەلمىدى |
|
3380 | 29 | 40 | فكلا أخذنا بذنبه فمنهم من أرسلنا عليه حاصبا ومنهم من أخذته الصيحة ومنهم من خسفنا به الأرض ومنهم من أغرقنا وما كان الله ليظلمهم ولكن كانوا أنفسهم يظلمون |
| | | (بۇ گۇناھكارلارنىڭ) ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قاتتىق تاۋۇش ھالاك قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (مال - مۈلكى بىلەن قوشۇپ) يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (سۇدا) غەرق قىلدۇق، اﷲ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى |
|
3381 | 29 | 41 | مثل الذين اتخذوا من دون الله أولياء كمثل العنكبوت اتخذت بيتا وإن أوهن البيوت لبيت العنكبوت لو كانوا يعلمون |
| | | اﷲ نى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالغانلارنىڭ مىسالى ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ (يەنى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى ئۇنى ئىسسىق - سوغۇقتىن قوغدىيالمىغاندەك، ئۇلارنىڭ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىمۇ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ)، ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىدۇر. ئەگەر ئۇلار (بۇ ھەقىقەتنى) بىلسە ئىدى (بۇتلارغا چوقۇنمايتتى) |
|
3382 | 29 | 42 | إن الله يعلم ما يدعون من دونه من شيء وهو العزيز الحكيم |
| | | اﷲ ئۇلار اﷲ نى تاشلاپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىنى ئوبدان بىلىدۇ، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
|
3383 | 29 | 43 | وتلك الأمثال نضربها للناس وما يعقلها إلا العالمون |
| | | بىز ئىنسانلارغا (قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن) بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ |
|
3384 | 29 | 44 | خلق الله السماوات والأرض بالحق إن في ذلك لآية للمؤمنين |
| | | اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا مۆمىنلەر ئۈچۈن (اﷲ نىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار |
|
3385 | 29 | 45 | اتل ما أوحي إليك من الكتاب وأقم الصلاة إن الصلاة تنهى عن الفحشاء والمنكر ولذكر الله أكبر والله يعلم ما تصنعون |
| | | (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، اﷲ نى ياد ئېتىش ھەممىدىن (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر، اﷲ قىلىۋاتقان (ھەممە) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ |
|
3386 | 29 | 46 | ولا تجادلوا أهل الكتاب إلا بالتي هي أحسن إلا الذين ظلموا منهم وقولوا آمنا بالذي أنزل إلينا وأنزل إليكم وإلهنا وإلهكم واحد ونحن له مسلمون |
| | | ئەھلى كىتاب بىلەن پەقەت ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلار ۋە فىدىيە بېرىشتىن باش تارتقۇچىلار) بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئېيتىڭلاركى، «بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ۋە بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىردۇر، بىز اﷲ قا بويسۇنغۇچىلارمىز» |
|
3387 | 29 | 47 | وكذلك أنزلنا إليك الكتاب فالذين آتيناهم الكتاب يؤمنون به ومن هؤلاء من يؤمن به وما يجحد بآياتنا إلا الكافرون |
| | | (ئى مۇھەممەد!) شۇنىڭدەك (يەنى سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە كىتاب نازىل قىلغاندەك) ساڭىمۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) نازىل قىلدۇق، بىز كىتاب بەرگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ناسارالار) دىن قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بۇلاردىن (يەنى مەككە ئاھالىسىدىن) مۇ قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت كاپىرلارلا ئىنكار قىلىدۇ |
|
3388 | 29 | 48 | وما كنت تتلو من قبله من كتاب ولا تخطه بيمينك إذا لارتاب المبطلون |
| | | ئىلگىرى سەن كىتاب ئوقۇشنى بىلمەيتتىڭ، خەت يېزىشنىمۇ بىلمەيتتىڭ، (مۇبادا سەن كىتاب ئوقۇغان، خەت يازىدىغان بولساڭ) ئۇ چاغدا ھەققە قارشى تۇرغۇچىلار چوقۇم گۇمانلىناتتى |
|