نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
3323 | 28 | 71 | قل أرأيتم إن جعل الله عليكم الليل سرمدا إلى يوم القيامة من إله غير الله يأتيكم بضياء أفلا تسمعون |
| | | «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر اﷲ كېچىنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگىچە ئۇزۇن سوزىدىغان بولسا، اﷲ تىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق ئېلىپ كېلەلەيدۇ، سىلەر ئاڭلىمامسىلەر؟» دېگىن |
|
3324 | 28 | 72 | قل أرأيتم إن جعل الله عليكم النهار سرمدا إلى يوم القيامة من إله غير الله يأتيكم بليل تسكنون فيه أفلا تبصرون |
| | | «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەگەر اﷲ كۈندۈزنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگىچە سوزىدىغان بولسا، اﷲ تىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر كۆرمەمسىلەر؟» دېگىن |
|
3325 | 28 | 73 | ومن رحمته جعل لكم الليل والنهار لتسكنوا فيه ولتبتغوا من فضله ولعلكم تشكرون |
| | | سىلەرنى كېچىدە ئارام ئالسۇن، كۈندۈزدە (ھاياتلىق يولىدا ھەرىكەتلىنىپ) اﷲ نىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلسۇن ۋە (اﷲ نىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەر ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى يارىتىشى اﷲ نىڭ رەھمىتىدىندۇر |
|
3326 | 28 | 74 | ويوم يناديهم فيقول أين شركائي الذين كنتم تزعمون |
| | | ئۇ كۈندە اﷲ ئۇلارغا نىدا قىلىپ: «سىلەر گۇمان قىلغان مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟» دەيدۇ |
|
3327 | 28 | 75 | ونزعنا من كل أمة شهيدا فقلنا هاتوا برهانكم فعلموا أن الحق لله وضل عنهم ما كانوا يفترون |
| | | بىز ھەر ئۈممەتتىن) ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان) بىر گۇۋاھچى (يەنى پەيغەمبەر) نى چىقىرىمىز، پاكىتىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار دەيمىز، ئۇلار ھەقىقەتنىڭ اﷲ قا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئاندىن بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىلىرى (يەنى مەبۇدلىرى) ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن چەتكە ئالىدۇ |
|
3328 | 28 | 76 | إن قارون كان من قوم موسى فبغى عليهم وآتيناه من الكنوز ما إن مفاتحه لتنوء بالعصبة أولي القوة إذ قال له قومه لا تفرح إن الله لا يحب الفرحين |
| | | قارۇن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى. قارۇن ئۇلارغا يوغانلىق قىلدى، قارۇنغا خەزىنىلەردىن شۇ قەدەر بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى (كۆتۈرۈش) كۈچلۈك بىر جامائەگىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىرلىق قىلاتتى، ئەينى ۋاقىتتا قارۇنغا قەۋمى ئېيتتى: «كۆرەڭلەپ كەتمە، اﷲ ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى دوست تۇتمايدۇ |
|
3329 | 28 | 77 | وابتغ فيما آتاك الله الدار الآخرة ولا تنس نصيبك من الدنيا وأحسن كما أحسن الله إليك ولا تبغ الفساد في الأرض إن الله لا يحب المفسدين |
| | | اﷲ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، اﷲ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەن (اﷲ نىڭ بەندىلىرىگىمۇ) ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، اﷲ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ» |
|
3330 | 28 | 78 | قال إنما أوتيته على علم عندي أولم يعلم أن الله قد أهلك من قبله من القرون من هو أشد منه قوة وأكثر جمعا ولا يسأل عن ذنوبهم المجرمون |
| | | قارۇن: «مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم» دېدى. قارۇندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان (مېلى) تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى اﷲ نىڭ ھالاك قىلغانلىقىنى ئۇ بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ سورىلىشى (اﷲ بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن) ھاجەتسىزدۇر |
|
3331 | 28 | 79 | فخرج على قومه في زينته قال الذين يريدون الحياة الدنيا يا ليت لنا مثل ما أوتي قارون إنه لذو حظ عظيم |
| | | قارۇن ئۆز قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارلىق زىننىتى بىلەن ھەشەمەتلىك ھالدا چىقتى. دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كۆزلەيدىغانلار: «كاشكى بىزگە قارۇنغا بېرىلگەن بايلىق بېرىلسىچۇ، ئۇ ھەقىقەتەن (دۇنيالىقتىن) چوڭ نېسىۋىگە ئىگە ئىكەن» دېدى |
|
3332 | 28 | 80 | وقال الذين أوتوا العلم ويلكم ثواب الله خير لمن آمن وعمل صالحا ولا يلقاها إلا الصابرون |
| | | ئىلىملىك كىشىلەر: «ۋاي سىلەرگە! ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلغان كىشىگە اﷲ نىڭ ساۋابى ياخشىدۇر. ئۇ ساۋاب پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغىلا بېرىلىدۇ» دېدى |
|