نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
3279 | 28 | 27 | قال إني أريد أن أنكحك إحدى ابنتي هاتين على أن تأجرني ثماني حجج فإن أتممت عشرا فمن عندك وما أريد أن أشق عليك ستجدني إن شاء الله من الصالحين |
| | | ئۇ (يەنى شۇئەيب) ئېيتتى: «ماڭا سەككىز يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ بەدىلىگە ساڭا بۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى بېرىشنى خالايمەن، ئەگەر ئون يىلنى توشقۇزۇۋەتسەڭ (ئۇمۇ) ئىختىيارىڭ، (ئون يىلنى شەرت قىلىپ) سېنى مۇشەققەتكە سېلىپ قويۇشنى خالىمايمەن، خۇدا خالىسا، مېنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىمنى بايقايسەن» |
|
3280 | 28 | 28 | قال ذلك بيني وبينك أيما الأجلين قضيت فلا عدوان علي والله على ما نقول وكيل |
| | | مۇسا ئېيتتى: «بۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزدىكى توختامدۇر، ئىككى مۇددەت (يەنى سەككىز يىل بىلەن ئون يىل) نىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام توشقۇزاي، ماڭا ئارتۇقچە تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ، اﷲ بىزنىڭ سۆزىمىزگە گۇۋاھتۇر» |
|
3281 | 28 | 29 | فلما قضى موسى الأجل وسار بأهله آنس من جانب الطور نارا قال لأهله امكثوا إني آنست نارا لعلي آتيكم منها بخبر أو جذوة من النار لعلكم تصطلون |
| | | مۇسا (ئۆز ئارا كېلىشكەن) مۇددەتنى (يەنى كېلىشكەن مۇددەتنىڭ تولۇقراقى بولغان ئون يىلنى) توشقۇزغاندىن كېيىن ئايالىنى ئېلىپ (مىسىرغا قاراپ) يولغا چىقتى، ئۇ تۇر تېغى تەرىپىدە ئوت كۆردى، ئۇ ئايالىغا: «شۈبھىسىزكى، مەن (يىراقتىن) ئوت كۆردۈم، ئۇ يەردىن مەن سىلەرگە بىر خەۋەر ئېلىپ كېلەي، يا سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى (مۇسا ئەلەيھىسسالام ئوتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئوت ئەمەس نۇر ئىكەنلىكىنى بىلدى) |
|
3282 | 28 | 30 | فلما أتاها نودي من شاطئ الواد الأيمن في البقعة المباركة من الشجرة أن يا موسى إني أنا الله رب العالمين |
| | | مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە ۋادىنىڭ ئوڭ تەرىپىنىڭ گىرۋىكىگە توغرا كېلىدىغان مۇبارەك جايدىكى دەرەخ تەرەپتىن (مۇنداق) نىدا ئاڭلاندى: «ئى مۇسا، (ساڭا سۆز قىلىۋاتقان) مەن، ھەقىقەتەن، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ دۇرمەن |
|
3283 | 28 | 31 | وأن ألق عصاك فلما رآها تهتز كأنها جان ولى مدبرا ولم يعقب يا موسى أقبل ولا تخف إنك من الآمنين |
| | | سەن ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى، كەينىگە قارىمىدى، (نىدا قىلىندىكى) «ئى مۇسا! ئالدىڭغا ماڭغىن، قورقمىغىن، سەن ھەقىقەتەن (قۇرقۇنچتىن) ئەمىن بولغۇچىلاردىنسەن |
|
3284 | 28 | 32 | اسلك يدك في جيبك تخرج بيضاء من غير سوء واضمم إليك جناحك من الرهب فذانك برهانان من ربك إلى فرعون وملئه إنهم كانوا قوما فاسقين |
| | | قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز (بىر پارچە ئايدەك پارلاپ) ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، قورقۇنچنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭنى يىغىۋالغىن (يەنى قوينۇڭغا سېلىۋالغىن)، بۇ ئىككىسى پىرئەۋنگە (ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ) چوڭلىرىغا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتتۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن (بىزنىڭ ئىتائىتىمىزدىن چىققۇچى) پاسىق قەۋم ئىدى» |
|
3285 | 28 | 33 | قال رب إني قتلت منهم نفسا فأخاف أن يقتلون |
| | | مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلاردىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن |
|
3286 | 28 | 34 | وأخي هارون هو أفصح مني لسانا فأرسله معي ردءا يصدقني إني أخاف أن يكذبون |
| | | قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭدىن راۋاندۇر، ئۇنى مەن بىلەن (پەيغەمبەرلىكىمنى) تەستىقلايدىغان ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن» |
|
3287 | 28 | 35 | قال سنشد عضدك بأخيك ونجعل لكما سلطانا فلا يصلون إليكما بآياتنا أنتما ومن اتبعكما الغالبون |
| | | اﷲ ئېيتتى: «قېرىندىشىڭ ئارقىلىق سېنى كۈچەيتىمىز، ئىككىڭلارنى غالىب قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىككىڭلارغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سىلەر ئىككىڭلارۋە ئىككىڭلارغا ئەگەشكەنلەر بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئارقىلىق غەلىبە قىلىسىلەر» |
|
3288 | 28 | 36 | فلما جاءهم موسى بآياتنا بينات قالوا ما هذا إلا سحر مفترى وما سمعنا بهذا في آبائنا الأولين |
| | | مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردۇر، بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ (زامانىدا) بۇنداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىدۇق» دېدى |
|