نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
3256 | 28 | 4 | إن فرعون علا في الأرض وجعل أهلها شيعا يستضعف طائفة منهم يذبح أبناءهم ويستحيي نساءهم إنه كان من المفسدين |
| | | شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن (مىسىر) زېمىنىدا (زومىگەرلىكتە) ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىر تائىپە (يەنى بەنى ئىسرائىل) نى بوزەك قىلدى. ئۇلاردىن ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى) خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇردى، پىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى |
|
3257 | 28 | 5 | ونريد أن نمن على الذين استضعفوا في الأرض ونجعلهم أئمة ونجعلهم الوارثين |
| | | بىز (مىسىر) زېمىنىدا بوزەك قىلىنغانلارغا مەرھەمەت قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز، ئۇلارنى يولباشچىلاردىن قىلىشنى، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ (مۈلكىگە) ۋارىس قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز |
|
3258 | 28 | 6 | ونمكن لهم في الأرض ونري فرعون وهامان وجنودهما منهم ما كانوا يحذرون |
| | | ئۇلارنى مىسىر زېمىنىد اكۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگە قىلماقچىمىز، بىز پىرئەۋنگە، (ۋەزىرى) ھامانغا ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا ئۇلار (يەنى بوزەك قىلىنغانلار) دىن قورقىدىغان نەرسىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى مىسىرغا ھۆكۈمران قىلىشنى) كۆرسىتىمىز |
|
3259 | 28 | 7 | وأوحينا إلى أم موسى أن أرضعيه فإذا خفت عليه فألقيه في اليم ولا تخافي ولا تحزني إنا رادوه إليك وجاعلوه من المرسلين |
| | | مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن، ئۇنى (ھالاك بولارمىكىن دەپ) قورقمىغىن، (ئۇنىڭ پىراقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز» |
|
3260 | 28 | 8 | فالتقطه آل فرعون ليكون لهم عدوا وحزنا إن فرعون وهامان وجنودهما كانوا خاطئين |
| | | پىرئەۋن نىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى ئاقىۋەت ئۆزلىرىگە دۈشمەن، ۋە خاپىلىق (نىڭ مەنبەسى) قىلىش ئۈچۈن (نىل دەرياسىدىن) سۈزۈۋالدى. شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقان ئىدى |
|
3261 | 28 | 9 | وقالت امرأت فرعون قرت عين لي ولك لا تقتلوه عسى أن ينفعنا أو نتخذه ولدا وهم لا يشعرون |
| | | پىرئەۋن نىڭ ئايالى: «(بۇ بالا) ماڭا ۋە ساڭا كۆزنۇرى، (يەنى خۇشاللىق) بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار (پىرئەۋن نىڭ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇسانىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى) ئۇقمايتتى |
|
3262 | 28 | 10 | وأصبح فؤاد أم موسى فارغا إن كادت لتبدي به لولا أن ربطنا على قلبها لتكون من المؤمنين |
| | | مۇسانىڭ ئانىسى (مۇسانىڭ پىرئەۋتننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ) ئەس - ھوشىنى يوقاتتى، (ئۇنىڭ اﷲ نىڭ بالىنى قايتۇرۇش ۋەدىسىگە) ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلمىغان بولساق، ئۇ بالىنى ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى |
|
3263 | 28 | 11 | وقالت لأخته قصيه فبصرت به عن جنب وهم لا يشعرون |
| | | ئانىسى مۇسانىڭ ھەمشىرىسىگە: «(خەۋەرنى ئۇقۇش ئۈچۈن) مۇساغا ئەگەشكىن» دېدى. ھەمشىرىسى مۇسانى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى. ھالبۇكى، ئۇلار (ئۇنى) تونۇمايتتى |
|
3264 | 28 | 12 | وحرمنا عليه المراضع من قبل فقالت هل أدلكم على أهل بيت يكفلونه لكم وهم له ناصحون |
| | | (ئۆز ئانىسى كېلىشتىن) ئىلگىرى مۇسانى سۈت ئەمگۈزگۈچى ئاياللارنىڭ ئېمىتىشىدىن توستۇق، مۇسانىڭ ھەمشىرىسى: «سىلەرگە مۇسانى باقىدىغان ئوبدان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئۇلار مۇسانى ئىخلاس بىلەن باقىدۇ» دېدى |
|
3265 | 28 | 13 | فرددناه إلى أمه كي تقر عينها ولا تحزن ولتعلم أن وعد الله حق ولكن أكثرهم لا يعلمون |
| | | ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە اﷲ نىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق، لېكىن ئىنسالارنىڭ تولىسى (اﷲ نىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ |
|