نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2994 | 26 | 62 | قال كلا إن معي ربي سيهدين |
| | | مۇسا ئېيتتى: «ئۇنداق بولمايدۇ (يەنى ھەرگىز يېتىشەلمەيدۇ) پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە، مېنى (قۇتۇلۇش يولىغا) باشلايدۇ» |
|
2995 | 26 | 63 | فأوحينا إلى موسى أن اضرب بعصاك البحر فانفلق فكان كل فرق كالطود العظيم |
| | | بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دەرياغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسى بىلەن ئۇرۇۋېدى) دەريا يېرىلدى، (ھەر بىر يېرىلغان) قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى |
|
2996 | 26 | 64 | وأزلفنا ثم الآخرين |
| | | ئىككىنچى بىر گۇرۇھنى بۇ يەرگە يېقىنلاشتۇردۇق (يەنى پىرئەۋن بىلەن قوشۇنىنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارقىسىدىن دەرياغا كىرگۈزدۇق) |
|
2997 | 26 | 65 | وأنجينا موسى ومن معه أجمعين |
| | | مۇسا بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى پۈتۈنلەي قۇتقۇزدۇق |
|
2998 | 26 | 66 | ثم أغرقنا الآخرين |
| | | ئاندىن ئىككىنچى گۇرۇھنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمىنى) غەرق قىلدۇق |
|
2999 | 26 | 67 | إن في ذلك لآية وما كان أكثرهم مؤمنين |
| | | بۇنىڭدا (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ غەرق بولۇشىدا) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى |
|
3000 | 26 | 68 | وإن ربك لهو العزيز الرحيم |
| | | سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
|
3001 | 26 | 69 | واتل عليهم نبأ إبراهيم |
| | | ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن |
|
3002 | 26 | 70 | إذ قال لأبيه وقومه ما تعبدون |
| | | ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دېدى |
|
3003 | 26 | 71 | قالوا نعبد أصناما فنظل لها عاكفين |
| | | ئۇلار: «بۇتلارغا ئىبادەت قىلىمىز، بۇ ئىبادەتنى داۋالاشتۇرىمىز» دېيىشتى |
|