نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2977 | 26 | 45 | فألقى موسى عصاه فإذا هي تلقف ما يأفكون |
| | | مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى، (ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى يۈتۈۋەتتى |
|
2978 | 26 | 46 | فألقي السحرة ساجدين |
| | | سىھىرگەرلەر سەجدىگە باردى |
|
2979 | 26 | 47 | قالوا آمنا برب العالمين |
| | | ئۇلار: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا - مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا - ئىمان ئېيتتۇق» دېدى |
|
2980 | 26 | 48 | رب موسى وهارون |
| | | ئۇلار: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا - مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا - ئىمان ئېيتتۇق» دېدى |
|
2981 | 26 | 49 | قال آمنتم له قبل أن آذن لكم إنه لكبيركم الذي علمكم السحر فلسوف تعلمون لأقطعن أيديكم وأرجلكم من خلاف ولأصلبنكم أجمعين |
| | | پىرئەۋن: «مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ سىلەر مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۈگەتكەن باشلىقىڭلار ئىكەن، (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ - چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول قولۇڭلار بىلەن ئوڭ پۇتۇڭلارنى) كېسىمەن، ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن» دېدى |
|
2982 | 26 | 50 | قالوا لا ضير إنا إلى ربنا منقلبون |
| | | سېھىرگەرلەر: «(بۇنىڭدىمۇ بىزگە) ھېچ زىيان يوق، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز، بىز مۇساغا ھەممىدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقۇچىلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلىمىز» دېدى |
|
2983 | 26 | 51 | إنا نطمع أن يغفر لنا ربنا خطايانا أن كنا أول المؤمنين |
| | | سېھىرگەرلەر: «(بۇنىڭدىمۇ بىزگە) ھېچ زىيان يوق، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز، بىز مۇساغا ھەممىدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقۇچىلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلىمىز» دېدى |
|
2984 | 26 | 52 | وأوحينا إلى موسى أن أسر بعبادي إنكم متبعون |
| | | بىز مۇساغا: «كېچىدە بەندىلىرىمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) ئېلىپ ئاتلانغىن. سىلەر ئەلۋەتتە قوغلىنىسىلەر، (يەنى پىرئەۋن ئۆز قەۋمى بىلەن سىلەرنى قوغلاپ چىقىدۇ)» دەپ ۋەھيى قىلدۇق |
|
2985 | 26 | 53 | فأرسل فرعون في المدائن حاشرين |
| | | پىرئەۋن شەھەرلەرگە (ئەسكەر) توپلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى |
|
2986 | 26 | 54 | إن هؤلاء لشرذمة قليلون |
| | | (پىرئەۋن ئېيتتىكى) «بۇ كىشىلەر ھەقىقەتەن بىر ئوچۇم ئادەملەردۇر |
|