نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2907 | 25 | 52 | فلا تطع الكافرين وجاهدهم به جهادا كبيرا |
| | | شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى (پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ) بارلىق كۈچۈڭ بىلەن كۈرەش قىلغىن |
|
2908 | 25 | 53 | وهو الذي مرج البحرين هذا عذب فرات وهذا ملح أجاج وجعل بينهما برزخا وحجرا محجورا |
| | | اﷲ (قۇدرىتى بىلەن) بىرى تاتلىق بولغان دەريانى، بىرى تۇزلۇق بولغان دېڭىزنى (ئۇلار بىر - بىرىگە تۇتىشاڭغۇ بولغان ھالدا (قويۇۋەتتى) ئارلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەردە، توسما بەرپا قىلدى |
|
2909 | 25 | 54 | وهو الذي خلق من الماء بشرا فجعله نسبا وصهرا وكان ربك قديرا |
| | | اﷲ ئىنساننى ئابىمەنىدىن ياراتتى، ئۇنى بالىلار نىسبەت بېرىلىدىغان ئەر ۋە قۇدا - باجىلىق پەيدا قىلىدىغان ئايال (دىن ئىبارەت ئىككى خىل قىلىپ) ياراتتى، پەرۋەردىگارىڭ ھەممىگە قادىردۇر |
|
2910 | 25 | 55 | ويعبدون من دون الله ما لا ينفعهم ولا يضرهم وكان الكافر على ربه ظهيرا |
| | | ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) اﷲ نى قويۇپ ئۇلارغا پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، كاپىر پەرۋەردىگارىغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن (شەيتانغا) ياردەم بەرگۈچىدۇر |
|
2911 | 25 | 56 | وما أرسلناك إلا مبشرا ونذيرا |
| | | سېنى پەقەت (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق |
|
2912 | 25 | 57 | قل ما أسألكم عليه من أجر إلا من شاء أن يتخذ إلى ربه سبيلا |
| | | ئېيتقىنكى، «مەن (اﷲ نىڭ ئەمرىنى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت (مېنىڭ تىلەيدىغىنىم شۇكى، مېنىڭ دىنىمغا ئەگىشىش بىلەن (پەرۋەردىگارى تەرەپكە يول ئېلىشنى خالايدىغانلار) يول ئالسۇن)» |
|
2913 | 25 | 58 | وتوكل على الحي الذي لا يموت وسبح بحمده وكفى به بذنوب عباده خبيرا |
| | | (ھەممە ئىشىڭدا) ئۆلمەيدىغان مەڭگۈ ھايات اﷲ قا يۆلەنگىن، ئۇنىڭغا ھەمد ئېيتىش بىلەن اﷲ نى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن، ئۇ بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىشتە يېتەرلىكتۇر |
|
2914 | 25 | 59 | الذي خلق السماوات والأرض وما بينهما في ستة أيام ثم استوى على العرش الرحمن فاسأل به خبيرا |
| | | اﷲ ئاسمانلارنى زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى، اﷲ ناھايىتى مەرھەمەتلىكتۇر، بۇنى (يەنى اﷲ نىڭ بۈيۈكلۈكىنى) بىلىدىغان ئادەمدىن سورىغىن (ساڭا اﷲ نىڭ سۈپەتلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ) |
|
2915 | 25 | 60 | وإذا قيل لهم اسجدوا للرحمن قالوا وما الرحمن أنسجد لما تأمرنا وزادهم نفورا |
| | | ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «رەھمانغا (يەنى مەرھەمەتلىك اﷲ قا) سەجدە قىلىڭلار!» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ سۆز ئۇلارنى (ئىماندىن) تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ |
|
2916 | 25 | 61 | تبارك الذي جعل في السماء بروجا وجعل فيها سراجا وقمرا منيرا |
| | | ئاسماندا بۇرۇجلەرنى، يېنىپ تۇرىدىغان چىراقنى (يەنى كۈننى) ۋە نۇرلۇق ئاينى ياراتقان اﷲ نىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر |
|