نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2879 | 25 | 24 | أصحاب الجنة يومئذ خير مستقرا وأحسن مقيلا |
| | | ئەھلى جەننەت بۇ كۈندە ئەڭ ياخشى جايدا ۋە ئەڭ ياخشى ئارامگاھتا بولىدۇ |
|
2880 | 25 | 25 | ويوم تشقق السماء بالغمام ونزل الملائكة تنزيلا |
| | | شۇ كۈندە ئاسمان بۇلۇت بىلەن بىرلىكتە يېرىلىدۇ، پەرىشتىلەر (بەندىلەرنىڭ نامە - ئەمالىنى ئېلىپ) ئارقىمۇئارقا چۈشىدۇ |
|
2881 | 25 | 26 | الملك يومئذ الحق للرحمن وكان يوما على الكافرين عسيرا |
| | | پادىشاھلىق بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك اﷲ قا خاستۇر، بۇ كۈن كاپىرلارغا قېيىندۇر |
|
2882 | 25 | 27 | ويوم يعض الظالم على يديه يقول يا ليتني اتخذت مع الرسول سبيلا |
| | | شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك - شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ |
|
2883 | 25 | 28 | يا ويلتى ليتني لم أتخذ فلانا خليلا |
| | | شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك - شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ |
|
2884 | 25 | 29 | لقد أضلني عن الذكر بعد إذ جاءني وكان الشيطان للإنسان خذولا |
| | | شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك - شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ |
|
2885 | 25 | 30 | وقال الرسول يا رب إن قومي اتخذوا هذا القرآن مهجورا |
| | | پەيغەمبەر ئېيتتى: «ئى پەرۋەردىگارىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى» |
|
2886 | 25 | 31 | وكذلك جعلنا لكل نبي عدوا من المجرمين وكفى بربك هاديا ونصيرا |
| | | شۇنىڭدەك (يەنى ساڭا قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىدىن دۈشمەنلەرنى قىلغاندەك) ھەربىر پەيغەمبەرگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئۇنىڭ دۈشمىنى قىلدۇق، پەرۋەردىگارىڭ يول كۆرسەتكۈچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا ساڭا يېتەرلىكتۇر |
|
2887 | 25 | 32 | وقال الذين كفروا لولا نزل عليه القرآن جملة واحدة كذلك لنثبت به فؤادك ورتلناه ترتيلا |
| | | كاپىرلار: «قۇرئان نېمىشقا ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىر قېتىمدىلا نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى. سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى پارچە - پارچە نازىل قىلدۇق، ئۇنى ئايرىم – ئايرىم نازىل قىلدۇق |
|
2888 | 25 | 33 | ولا يأتونك بمثل إلا جئناك بالحق وأحسن تفسيرا |
| | | ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) قانداق بىر سوئالنى تاشلىمىسۇن، (ئۇنىڭغا قارىتا) بىز ساڭا ھەق جاۋابنى ۋە ھەممىدىن گۈزەل چۈشەندۇرۇشنى نازىل قىلدۇق |
|