نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2797 | 24 | 6 | والذين يرمون أزواجهم ولم يكن لهم شهداء إلا أنفسهم فشهادة أحدهم أربع شهادات بالله إنه لمن الصادقين |
| | | خوتۇنلىرىنى زىنا بىلەن قارىلىغان ۋە ئۆزلىرىدىن باشقا گۇۋاھچىسى بولمىغانلار گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن، اﷲ نىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلسۇن |
|
2798 | 24 | 7 | والخامسة أن لعنت الله عليه إن كان من الكاذبين |
| | | بەشىنچى قېتىمىدا: «ئەگەر يالغانچى بولسام ماڭا اﷲ نىڭ لەنىتى بولسۇن» دېسۇن |
|
2799 | 24 | 8 | ويدرأ عنها العذاب أن تشهد أربع شهادات بالله إنه لمن الكاذبين |
| | | خوتۇن كىشى ئېرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە اﷲ نىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم ئىچسە، جازاغا تارتىلىشتىن ساقلاپ قېلىنىدۇ |
|
2800 | 24 | 9 | والخامسة أن غضب الله عليها إن كان من الصادقين |
| | | بەشىنچى قېتىمىدا، ئۇ ئەگەر راستچىللاردىن بولسا (يەنى ئېرىمنىڭ گېپى راست بولىدىغان بولسا) ماڭا اﷲ نىڭ غەزىپى بولسۇن دەپ قەسەم قىلىدۇ |
|
2801 | 24 | 10 | ولولا فضل الله عليكم ورحمته وأن الله تواب حكيم |
| | | ئەگەر سىلەرگە اﷲ نىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى (چوقۇم رەسۋا بولاتتىڭلار)، اﷲ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
|
2802 | 24 | 11 | إن الذين جاءوا بالإفك عصبة منكم لا تحسبوه شرا لكم بل هو خير لكم لكل امرئ منهم ما اكتسب من الإثم والذي تولى كبره منهم له عذاب عظيم |
| | | شۈبھىسىزكى، سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (ئائىشەگە) بوھتان چاپلىدى. بۇ سىلەر ئۈچۈن يامان ئەمەستۇر، (سەۋر قىلغانلىقىڭلار بىلەن ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ۋە ئائىشە، سەفۋانلارنىڭ پاكلىقى ئاشكارا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن) بەلكى ياخشىدۇر، بوھتان چاپلىغۇچىلاردىن كىمنىڭ قانچىلىك گۇناھى بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك جازا بېرىلىدۇ، بوھتاننىڭ چوڭ قىسمىنى تارقاتقان ئادەم (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن ئۇبەي) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ |
|
2803 | 24 | 12 | لولا إذ سمعتموه ظن المؤمنون والمؤمنات بأنفسهم خيرا وقالوا هذا إفك مبين |
| | | بوھتاننى ئاڭلىغان چاغلىرىڭلاردا ئەر - ئايال مۆمىنلەر نېمىشقا ئۆزلىرىنى ياخشى دەپ قاراپ، بۇ ئېنىق بوھتان دېمىدى؟ |
|
2804 | 24 | 13 | لولا جاءوا عليه بأربعة شهداء فإذ لم يأتوا بالشهداء فأولئك عند الله هم الكاذبون |
| | | ئۇلار نېمىشقا تۆت نەپەر گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىدى؟ گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرەلمىگەن ئىكەن، ئۇلار اﷲ نىڭ نەزىرىدە يالغانچى ھېسابلىنىدۇ |
|
2805 | 24 | 14 | ولولا فضل الله عليكم ورحمته في الدنيا والآخرة لمسكم في ما أفضتم فيه عذاب عظيم |
| | | سىلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە اﷲ نىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، بوھتان چاپلىغىنىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار |
|
2806 | 24 | 15 | إذ تلقونه بألسنتكم وتقولون بأفواهكم ما ليس لكم به علم وتحسبونه هينا وهو عند الله عظيم |
| | | ئۆز ۋاقتىدا بوھتاننى تىلىڭلار بىلەن تارقاتتىڭلار، بىلمەيدىغان نەرسەڭلارنى ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، ئۇنى سەل چاغلىدىڭلار، ھالبۇكى، اﷲ نىڭ نەزىرىدە، ئۇ چوڭ گۇناھتۇر |
|