نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2770 | 23 | 97 | وقل رب أعوذ بك من همزات الشياطين |
| | | ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن |
|
2771 | 23 | 98 | وأعوذ بك رب أن يحضرون |
| | | پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن» |
|
2772 | 23 | 99 | حتى إذا جاء أحدهم الموت قال رب ارجعون |
| | | ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇركى، «پەرۋەردىگارىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن |
|
2773 | 23 | 100 | لعلي أعمل صالحا فيما تركت كلا إنها كلمة هو قائلها ومن ورائهم برزخ إلى يوم يبعثون |
| | | مەن قويۇپ كەلگەن مال - مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن». (ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىشى) مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر، ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ |
|
2774 | 23 | 101 | فإذا نفخ في الصور فلا أنساب بينهم يومئذ ولا يتساءلون |
| | | سۇر چېلىنغان كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىق مەۋجۇت بولماي قالىدۇ. بىر - بىرىنىڭ (ئەھۋالىنىمۇ) سوراشمايدۇ |
|
2775 | 23 | 102 | فمن ثقلت موازينه فأولئك هم المفلحون |
| | | تارازىسى ئېغىر كەلگەنلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر |
|
2776 | 23 | 103 | ومن خفت موازينه فأولئك الذين خسروا أنفسهم في جهنم خالدون |
| | | تارازىسى يېنىك كەلگەنلەر (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) زىيان تارتقۇچىلاردۇر، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر |
|
2777 | 23 | 104 | تلفح وجوههم النار وهم فيها كالحون |
| | | ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ (بەت چىراي) بولۇپ قالىدۇ |
|
2778 | 23 | 105 | ألم تكن آياتي تتلى عليكم فكنتم بها تكذبون |
| | | (ئۇلارغا) «سىلەرگە (دۇنيادا) مېنىڭ ئايەتلىرىم ئوقۇپ بېرىلگەن، سىلەر ئۇنى (شۇنچە روشەن تۇرۇقلۇق) ئىنكار قىلغان ئەمەسمىدىڭلار» دېيىلىدۇ |
|
2779 | 23 | 106 | قالوا ربنا غلبت علينا شقوتنا وكنا قوما ضالين |
| | | ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بەتبەختلىكىمىز ئۈستىمىزدىن غالىب كېلىپ گۇمراھ قەۋم بولۇپ قالغان ئىدۇق |
|