نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2722 | 23 | 49 | ولقد آتينا موسى الكتاب لعلهم يهتدون |
| | | ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل) نى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق |
|
2723 | 23 | 50 | وجعلنا ابن مريم وأمه آية وآويناهما إلى ربوة ذات قرار ومعين |
| | | بىز مەريەمنىڭ ئوغلىنى (يەنى ئىسانى) ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) (كامال قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلدۇق، ئۇلارنى تۈپتۈز، ئېقىن سۇلۇق بىر ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق |
|
2724 | 23 | 51 | يا أيها الرسل كلوا من الطيبات واعملوا صالحا إني بما تعملون عليم |
| | | ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن |
|
2725 | 23 | 52 | وإن هذه أمتكم أمة واحدة وأنا ربكم فاتقون |
| | | (ئى پەيغەمبەرلەر جامائەسى!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، (مېنىڭ ئازابىمدىن) قورقۇڭلار |
|
2726 | 23 | 53 | فتقطعوا أمرهم بينهم زبرا كل حزب بما لديهم فرحون |
| | | ئۇلار (يەنى ئۈممەتلەر) دىنىي جەھەتتە نۇرغۇن پىرقىلەرگە بۆلۈندى، ھەر پىرقە ئۆز دىنى بىلەن خۇشالدۇر |
|
2727 | 23 | 54 | فذرهم في غمرتهم حتى حين |
| | | ئۇلارنى ئۆلگەنلىرىگە قەدەر گۇمراھلىقتا تەرك ئەتكىن |
|
2728 | 23 | 55 | أيحسبون أنما نمدهم به من مال وبنين |
| | | (ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال - مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ |
|
2729 | 23 | 56 | نسارع لهم في الخيرات بل لا يشعرون |
| | | (ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال - مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ |
|
2730 | 23 | 57 | إن الذين هم من خشية ربهم مشفقون |
| | | ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورققۇچى كىشىلەر، |
|
2731 | 23 | 58 | والذين هم بآيات ربهم يؤمنون |
| | | پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگۈچى كىشىلەر، |
|