نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2679 | 23 | 6 | إلا على أزواجهم أو ما ملكت أيمانهم فإنهم غير ملومين |
| | | (يەنى ئەۋرەتلىرىنى) پەقەت خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر (بۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ) |
|
2680 | 23 | 7 | فمن ابتغى وراء ذلك فأولئك هم العادون |
| | | بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر |
|
2681 | 23 | 8 | والذين هم لأماناتهم وعهدهم راعون |
| | | ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر |
|
2682 | 23 | 9 | والذين هم على صلواتهم يحافظون |
| | | ئۇلار نامازلىرىنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئادا قىلغۇچىلاردۇر |
|
2683 | 23 | 10 | أولئك هم الوارثون |
| | | ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرى سۈپەتلەرگە ئىگە مۆمىنلەر نازۇنېمەتلىك جەننەتنىڭ) ۋارىسلىرىدۇر |
|
2684 | 23 | 11 | الذين يرثون الفردوس هم فيها خالدون |
| | | ئۇلار (يۇقىرى دەرىجىلىك جەننەت) فىردەۋسكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، فىردەۋستە مەڭگۈ قالىدۇ |
|
2685 | 23 | 12 | ولقد خلقنا الإنسان من سلالة من طين |
| | | بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن لاينىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق |
|
2686 | 23 | 13 | ثم جعلناه نطفة في قرار مكين |
| | | ئاندىن ئۇنى بىر پۇختا قارارگاھ (يەنى بەچچىدان) دا (جايلاشقان) ئابىمەنىي قىلدۇق |
|
2687 | 23 | 14 | ثم خلقنا النطفة علقة فخلقنا العلقة مضغة فخلقنا المضغة عظاما فكسونا العظام لحما ثم أنشأناه خلقا آخر فتبارك الله أحسن الخالقين |
| | | ئاندىن ئابىمەنىينى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى (جان كىرگۈزۈپ) باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق، ئاڭ ماھىر ياراتقۇچى اﷲ (ھېكمەت ۋە قۇدرەت جەھەتتىن) ئۇلۇغدۇر |
|
2688 | 23 | 15 | ثم إنكم بعد ذلك لميتون |
| | | ئاندىن سىلەر چوقۇم ئۆلۈسىلەر |
|