نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2601 | 22 | 6 | ذلك بأن الله هو الحق وأنه يحيي الموتى وأنه على كل شيء قدير |
| | | بۇ (يەنى اﷲ تائالانىڭ ئىنساننى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى يۇقىرىقىدەك يارىتىشى)، اﷲ نىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى سىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر |
|
2602 | 22 | 7 | وأن الساعة آتية لا ريب فيها وأن الله يبعث من في القبور |
| | | شۇنداقلا قىيامەتنىڭ شەكسىز بولىدىغانلىقىنى، قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى (ئۆلۈك زېمىننى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈش بىلەن تىرىلدۈرگەندەك) اﷲ نىڭ تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر |
|
2603 | 22 | 8 | ومن الناس من يجادل في الله بغير علم ولا هدى ولا كتاب منير |
| | | بەزىلەر (توغرا تونۇشقا ئېلىپ بارىدىغان) ھېچ قانداق ھەقىقى ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدا اﷲ توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىدۇ، (ئۇنىڭ مۇنازىرىلىشىشى نوقۇل نەپسى خاھىشى ۋە تەرسالىقىدىندۇر) |
|
2604 | 22 | 9 | ثاني عطفه ليضل عن سبيل الله له في الدنيا خزي ونذيقه يوم القيامة عذاب الحريق |
| | | ئۇ (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن مەغرۇرانە يۈرىدۇ، ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز |
|
2605 | 22 | 10 | ذلك بما قدمت يداك وأن الله ليس بظلام للعبيد |
| | | (ئۇنىڭغا): «(خارلىق بىلەن ئازاب) سېنىڭ قىلمىشلىرىڭ يەنى كۇفرىڭ بىلەن گۇمراھلىقىڭ) تۈپەيلىدىندۇر، اﷲ بەندىلىرىگە ھەرگىز زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر» (دېيىلىدۇ) |
|
2606 | 22 | 11 | ومن الناس من يعبد الله على حرف فإن أصابه خير اطمأن به وإن أصابته فتنة انقلب على وجهه خسر الدنيا والآخرة ذلك هو الخسران المبين |
| | | بەزىلەر اﷲ قا شەك - شۈبھە بىلەن (يەنى تۇراقسىز ھالدا) ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە دىنىدا تۇرىدۇ (بۇنداق ئادەم مۇناپىق بولۇپ، اﷲ قا دىلى بىلەن ئەمەس پەقەت تىلى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭغا بەختسىزلىك يەتسە دىنىدىن يېنىۋالىدۇ، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، بۇ روشەن زىياندۇر |
|
2607 | 22 | 12 | يدعو من دون الله ما لا يضره وما لا ينفعه ذلك هو الضلال البعيد |
| | | ئۇ اﷲ نى قويۇپ پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتقا چوقۇنىدۇ، بۇ چوڭقۇر گۇمراھلىقتۇر |
|
2608 | 22 | 13 | يدعو لمن ضره أقرب من نفعه لبئس المولى ولبئس العشير |
| | | ئۇ (مۇشرىكلارنىڭ قارىشى بويىچە بۇت قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىدۇ دېگەندىمۇ) ئەلۋەتتە زىيىنى پايدىسىدىن يېقىن بولغان نەرسىگە چوقۇنىدۇ، (ئۇ بۇت) راستتىنلا يامان مەدەتكاردۇر، راستتىنلا يامان ھەمراھتۇر |
|
2609 | 22 | 14 | إن الله يدخل الذين آمنوا وعملوا الصالحات جنات تجري من تحتها الأنهار إن الله يفعل ما يريد |
| | | شۈبھىسىزكى، اﷲ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى خالىغان ئادەمگە ساۋاب بېرىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ) |
|
2610 | 22 | 15 | من كان يظن أن لن ينصره الله في الدنيا والآخرة فليمدد بسبب إلى السماء ثم ليقطع فلينظر هل يذهبن كيده ما يغيظ |
| | | كىمكى اﷲ پەيغەمبەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەرگىز ياردەم بەرمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىدىكەن، ئۇ تورۇسقا ئارغامچا سېلىپ بوغۇلۇپ ئالسۇن، قارىسۇنكى، ئۇنىڭ (بۇ) تەدبىرى غەزىپىنى باسالامدۇ؟ (يەنى اﷲ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بەرمەيدۇ دەپ ئويلايدىكەن ئۇ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالسۇن، ئەگەر بۇ ئۇنىڭ خاپىلىقىنى باسالايدىغان بولسا، چۈنكى اﷲ پەيغەمبەرگە چوقۇم ياردەم بېرىدۇ) |
|