نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2540 | 21 | 57 | وتالله لأكيدن أصنامكم بعد أن تولوا مدبرين |
| | | اﷲ بىلەن قەسەمكى، سىلەر قايتىپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم بۇتلىرىڭلارنى (چېقىۋېتىشنىڭ) ئامالىنى قىلىمەن» |
|
2541 | 21 | 58 | فجعلهم جذاذا إلا كبيرا لهم لعلهم إليه يرجعون |
| | | ئىبراھىم بۇتلارنى چېقىپ پارچە - پارچە قىلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىپ (بۇتلارنى كىمنىڭ چاققانلىقىنى سورىشى ئۈچۈن) پەقەت چوڭ بۇتنى (چاقماي) قالدۇردى |
|
2542 | 21 | 59 | قالوا من فعل هذا بآلهتنا إنه لمن الظالمين |
| | | (ئۇلار بايرىمىدىن قايتىپ كېلىپ بۇتلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ) «بۇتلىرىمىزنى مۇنداق قىلغان كىم؟ ئۇ ھەقىقەتەن زالىم ئىكەن» دېدى |
|
2543 | 21 | 60 | قالوا سمعنا فتى يذكرهم يقال له إبراهيم |
| | | (ئۇلارنىڭ بەزىسى) ئىبراھىم ئاتلىق بىر يىگىتنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق (يەنى شۇ قىلغان بولۇشى مۇمكىن)» دېدى |
|
2544 | 21 | 61 | قالوا فأتوا به على أعين الناس لعلهم يشهدون |
| | | ئۇلار (يەنى نەمرۇد ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرى): «ئىبراھىمنى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىڭلار، (ئىبراھىمنىڭ بۇتلارنى ئەيىبلىگەنلىكىگە) ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسۇن» دېدى) |
|
2545 | 21 | 62 | قالوا أأنت فعلت هذا بآلهتنا يا إبراهيم |
| | | ئۇلار: «ئى ئىبراھىم! بۇتلىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلغان سەنمۇ؟» دېدى. |
|
2546 | 21 | 63 | قال بل فعله كبيرهم هذا فاسألوهم إن كانوا ينطقون |
| | | (ئىبراھىم: «(ياق) بەلكى ئۇلارنىڭ مۇنۇ چوڭى شۇنداق قىلدى، ئەگەر ئۇلار سۆزلىيەلىسە، (كىمنىڭ چاققانلىقىنى) ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى |
|
2547 | 21 | 64 | فرجعوا إلى أنفسهم فقالوا إنكم أنتم الظالمون |
| | | ئۇلار بىر - بىرىنى ئەيىبلەپ: «(سىلەر بۇتلارغا چوقۇنۇشتا) ھەقىقەتەن زالىمسىلەر» دېدى |
|
2548 | 21 | 65 | ثم نكسوا على رءوسهم لقد علمت ما هؤلاء ينطقون |
| | | ئاندىن ئۇلار (خىجالەتچىلىكتىن) باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ: «ئۇلارنىڭ گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەنغۇ؟» دېدى |
|
2549 | 21 | 66 | قال أفتعبدون من دون الله ما لا ينفعكم شيئا ولا يضركم |
| | | ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەر اﷲ نى قويۇپ سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر» |
|