نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2530 | 21 | 47 | ونضع الموازين القسط ليوم القيامة فلا تظلم نفس شيئا وإن كان مثقال حبة من خردل أتينا بها وكفى بنا حاسبين |
| | | قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ) ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز |
|
2531 | 21 | 48 | ولقد آتينا موسى وهارون الفرقان وضياء وذكرا للمتقين |
| | | بىز ھەقىقەتەن موسا بىلەن ھارۇنغا فۇرقاننى (يەنى ھەق بىلەن باتىلنى، ھالال بىلەن ھارامنى، ھىدايەت بىلەن گۇمراھلىقنى ئايرىغۇچى تەۋراتنى)، نۇرنى، تەقۋادارلارغا (پايدىلىنىدىغان) ۋەز - نەسىھەتنى بەردۇق |
|
2532 | 21 | 49 | الذين يخشون ربهم بالغيب وهم من الساعة مشفقون |
| | | تەقۋادارلار پەرۋەردىگارىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ ھەمدە ئۇلار قىيامەتنىڭ (دەھشىتىدىن) تىترىگۈچىلەردۇر |
|
2533 | 21 | 50 | وهذا ذكر مبارك أنزلناه أفأنتم له منكرون |
| | | بۇ بىز (سىلەرنىڭ تىلىڭلاردا) نازىل قىلغان مۇبارەك قۇرئاندۇر. (ئى ئەرەب جامائەسى! ئۇ شۇنچە روشەن تۇرسىمۇ) سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ |
|
2534 | 21 | 51 | ولقد آتينا إبراهيم رشده من قبل وكنا به عالمين |
| | | (مۇسا، ھارۇنلاردىن بۇرۇن) بىز ئىبراھىمغا ھەقىقەتەن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ھىدايەت ئاتا قىلغان ئىدۇق، بىز ئۇنىڭ (پەيغەمبەرلىكنىڭ ئەھلى) ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق |
|
2535 | 21 | 52 | إذ قال لأبيه وقومه ما هذه التماثيل التي أنتم لها عاكفون |
| | | ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم (كۇففارلار چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنى مەنسىتمەي) ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار نېمە؟ (يەنى نېمە ئۈچۈن بۇ بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر؟)» دېدى |
|
2536 | 21 | 53 | قالوا وجدنا آباءنا لها عابدين |
| | | ئۇلار: «ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇلارغا ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز (يەنى ئۇلارغا ئاتا - بوۋىلىرىمىزغا تەقلىد قىلىپ چوقۇنىمىز)» دېدى |
|
2537 | 21 | 54 | قال لقد كنتم أنتم وآباؤكم في ضلال مبين |
| | | ئىبراھىم: «سىلەرمۇ، ئاتا - بوۋاڭلارمۇ (پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان جانسىز بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىڭلار ئۈچۈن) ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا سىلەر» دېدى |
|
2538 | 21 | 55 | قالوا أجئتنا بالحق أم أنت من اللاعبين |
| | | ئۇلار: «سەن راست دەۋاتامسەن؟ ياكى چاقچاق دەۋاتامسەن؟» دېدى |
|
2539 | 21 | 56 | قال بل ربكم رب السماوات والأرض الذي فطرهن وأنا على ذلكم من الشاهدين |
| | | ئىبراھىم ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەرنىڭ (ئىبادەت قىلىشىڭلارغا لايىق) پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇلارنى ئۇ ياراتقان، مەنمۇ ئۇنىڭغا (قەتئىي دەلىللەر بىلەن) گۇۋاھلىق قىلغۇچىلاردىنمەن |
|