نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2510 | 21 | 27 | لا يسبقونه بالقول وهم بأمره يعملون |
| | | ئۇلار اﷲ قا ئالدى بىلەن سۆز قىلىشقا پېتىنىلمايدۇ، ئۇلار اﷲ نىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ |
|
2511 | 21 | 28 | يعلم ما بين أيديهم وما خلفهم ولا يشفعون إلا لمن ارتضى وهم من خشيته مشفقون |
| | | اﷲ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار اﷲ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلىدۇ، اﷲ نىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ |
|
2512 | 21 | 29 | ومن يقل منهم إني إله من دونه فذلك نجزيه جهنم كذلك نجزي الظالمين |
| | | ئۇلاردىن كىمكى، مەن اﷲ تىن باشقا ئىلاھمەن، دەيدىكەن، ئۇنى دوزاخ بىلەن جازالايمىز، زالىملارنى شۇنداق جازالايمىز |
|
2513 | 21 | 30 | أولم ير الذين كفروا أن السماوات والأرض كانتا رتقا ففتقناهما وجعلنا من الماء كل شيء حي أفلا يؤمنون |
| | | كاپىرلار بىلەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر - بېرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار (اﷲ نىڭ قۇدرىتىگە) ئىشىنەمدۇ؟ |
|
2514 | 21 | 31 | وجعلنا في الأرض رواسي أن تميد بهم وجعلنا فيها فجاجا سبلا لعلهم يهتدون |
| | | يەر تەۋرەپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىز بولماسلىقى ئۈچۈن، بىز زېمىندا تاغلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنى (سەپەردە) كۆزلىگەن مەقسەتلەرگە يېتىۋالسۇن دەپ، تاغلاردا كەڭ يوللارنى ياراتتۇق |
|
2515 | 21 | 32 | وجعلنا السماء سقفا محفوظا وهم عن آياتها معرضون |
| | | ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاسماندىكى (كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارغا ئوخشاش اﷲ نىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەردىن غەپلەتتىدۇر |
|
2516 | 21 | 33 | وهو الذي خلق الليل والنهار والشمس والقمر كل في فلك يسبحون |
| | | اﷲ كېچىنى ۋە كۈندۈزنى، كۈننى ۋە ئاينى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى (ئۆزىگە خاس) پەلەكتە سەير قىلىدۇ |
|
2517 | 21 | 34 | وما جعلنا لبشر من قبلك الخلد أفإن مت فهم الخالدون |
| | | (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى (ئىنسانلاردىن) ھېچ كىشىنى مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ (بۇنداق بولۇش ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەك، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ (بۇنداق بولۇش ھەرگىزمۇ ئۇلارغا مۇيەسسەر بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ) |
|
2518 | 21 | 35 | كل نفس ذائقة الموت ونبلوكم بالشر والخير فتنة وإلينا ترجعون |
| | | ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر (ئەمەلىڭلارغا يارىشا جازالايمىز) |
|
2519 | 21 | 36 | وإذا رآك الذين كفروا إن يتخذونك إلا هزوا أهذا الذي يذكر آلهتكم وهم بذكر الرحمن هم كافرون |
| | | كاپىرلار سىنى كۆرگەن چاغدا: «سىلەرنىڭ مەبۇدلىرىڭلارنى ئەيىبلەيدىغان ئادەم مۇشۇمۇ؟» (دېيىشىپ) سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار مەرھەمەتلىك اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشىدۇ |
|