نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2346 | 19 | 96 | إن الذين آمنوا وعملوا الصالحات سيجعل لهم الرحمن ودا |
| | | ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن اﷲ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ دىللىرىدا) مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ |
|
2347 | 19 | 97 | فإنما يسرناه بلسانك لتبشر به المتقين وتنذر به قوما لدا |
| | | (ئى مۇھەممەد!) تەقۋادارلارغا خۇش - خەۋەر بېرىشىڭ ۋە سەركەش قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ نازىل قىلدۇق |
|
2348 | 19 | 98 | وكم أهلكنا قبلهم من قرن هل تحس منهم من أحد أو تسمع لهم ركزا |
| | | ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن بىرەر ئەھەدىنى كۆرەلەمسەن؟ ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋاز ئاڭلىيالامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق تەلتۆكۈس ھالاك قىلىندىكى، ئۇلاردىن كۆرگىلى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى ھېچ ئەھەدى قالمىدى) |
|
2349 | 20 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم طه |
| | | طاھا (يەنى ئى مۇھەممەد!) |
|
2350 | 20 | 2 | ما أنزلنا عليك القرآن لتشقى |
| | | قۇرئاننى ساڭا سېنى جاپاغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، |
|
2351 | 20 | 3 | إلا تذكرة لمن يخشى |
| | | پەقەت (اﷲ تىن) قورقىدىغانلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق |
|
2352 | 20 | 4 | تنزيلا ممن خلق الأرض والسماوات العلى |
| | | ئۇ زېمىننى ۋە (كەڭ) ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتقان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان |
|
2353 | 20 | 5 | الرحمن على العرش استوى |
| | | مەرھەمەتلىك اﷲ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى |
|
2354 | 20 | 6 | له ما في السماوات وما في الأرض وما بينهما وما تحت الثرى |
| | | ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە يەر ئاستىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، اﷲ نىڭ مەخلۇقاتىدۇر، اﷲ نىڭ تەسەررۇپى ئاستىدۇر) |
|
2355 | 20 | 7 | وإن تجهر بالقول فإنه يعلم السر وأخفى |
| | | ئەگەر سەن ئاشكارا سۆزلىسەڭ (ياكى يوشۇرۇن سۆزلىسەڭ، اﷲ نىڭ نەزىرىدە ئوخشاشتۇر)، چۈنكى ئۇ سىرنى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ مەخپىيرەك ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ |
|