نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2340 | 19 | 90 | تكاد السماوات يتفطرن منه وتنشق الأرض وتخر الجبال هدا |
| | | بۇ سۆزنىڭ (يامانلىقىدىن) ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، يەر يېرىلىپ كەتكىلى، تاغلار گۇمران بولۇپ كەتكىلى تاس قالدى |
|
2341 | 19 | 91 | أن دعوا للرحمن ولدا |
| | | بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار اﷲ نىڭ بالىسى بار دەپ دەۋا قىلدى |
|
2342 | 19 | 92 | وما ينبغي للرحمن أن يتخذ ولدا |
| | | بالىسى بولۇش اﷲ قا لايىق ئەمەستۇر |
|
2343 | 19 | 93 | إن كل من في السماوات والأرض إلا آتي الرحمن عبدا |
| | | ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا اﷲ قا بەندە بولۇپ بويسۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر |
|
2344 | 19 | 94 | لقد أحصاهم وعدهم عدا |
| | | شەك - شۈبھىسىزكى، اﷲ ئۇلارنى تولۇق ئىگەللىدى ۋە سانىنى مۇكەممەل بىلدى |
|
2345 | 19 | 95 | وكلهم آتيه يوم القيامة فردا |
| | | قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ دەرگاھىغا تەنھا كېلىدۇ |
|
2346 | 19 | 96 | إن الذين آمنوا وعملوا الصالحات سيجعل لهم الرحمن ودا |
| | | ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن اﷲ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ دىللىرىدا) مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ |
|
2347 | 19 | 97 | فإنما يسرناه بلسانك لتبشر به المتقين وتنذر به قوما لدا |
| | | (ئى مۇھەممەد!) تەقۋادارلارغا خۇش - خەۋەر بېرىشىڭ ۋە سەركەش قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ نازىل قىلدۇق |
|
2348 | 19 | 98 | وكم أهلكنا قبلهم من قرن هل تحس منهم من أحد أو تسمع لهم ركزا |
| | | ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن بىرەر ئەھەدىنى كۆرەلەمسەن؟ ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋاز ئاڭلىيالامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق تەلتۆكۈس ھالاك قىلىندىكى، ئۇلاردىن كۆرگىلى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى ھېچ ئەھەدى قالمىدى) |
|
2349 | 20 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم طه |
| | | طاھا (يەنى ئى مۇھەممەد!) |
|