نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2261 | 19 | 11 | فخرج على قومه من المحراب فأوحى إليهم أن سبحوا بكرة وعشيا |
| | | زەكەرىيا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئەتىگەن - ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشقا ئىشارەت قىلدى |
|
2262 | 19 | 12 | يا يحيى خذ الكتاب بقوة وآتيناه الحكم صبيا |
| | | (يەھيا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا) «ئى يەھيا! كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تىرىشىپ ئوقۇغىن» (دېدۇق). ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلدۇق |
|
2263 | 19 | 13 | وحنانا من لدنا وزكاة وكان تقيا |
| | | بىز ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى (ناچار خىسلەتلەردىن) پاك قىلىش يۈزىسىدىن (شۇنداق قىلدۇق)، يەھيا تەقۋادار ئىدى |
|
2264 | 19 | 14 | وبرا بوالديه ولم يكن جبارا عصيا |
| | | ئۇنى ئاتا - ئانىسىغا كۆيۈمچان (قىلدۇق)، ئۇ مۇتەكەببىر (يەنى ئاتا - ئانىسىنى قاخشاتقۇچى)، (پەرۋەردىگارىغا) ئاسىيلىق قىلغۇچى بولمىدى |
|
2265 | 19 | 15 | وسلام عليه يوم ولد ويوم يموت ويوم يبعث حيا |
| | | ئۇ تۇغۇلغان كۈنىدە، ۋاپات بولغان كۈنىدە، تىرىلىپ (قەبرىدىن) تۇرغۇزۇلغان كۈنىدە (اﷲ تائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىدۇ |
|
2266 | 19 | 16 | واذكر في الكتاب مريم إذ انتبذت من أهلها مكانا شرقيا |
| | | (ئۇلارغا) قۇرئاندا مەريەم (قىسسىسى) نى بايان قىلغىن، ئەينى زاماندا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى |
|
2267 | 19 | 17 | فاتخذت من دونهم حجابا فأرسلنا إليها روحنا فتمثل لها بشرا سويا |
| | | ئۇ پەردە تارتىپ كىشىلەردىن يۇشۇرۇندى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىزنى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى |
|
2268 | 19 | 18 | قالت إني أعوذ بالرحمن منك إن كنت تقيا |
| | | مەريەم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك اﷲ قا سېغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ (ماڭا چېقىلمىغىن)» |
|
2269 | 19 | 19 | قال إنما أنا رسول ربك لأهب لك غلاما زكيا |
| | | جىبرىئىل ئېيتتى: «مەن ساڭا بىر پاك ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسىمەن» |
|
2270 | 19 | 20 | قالت أنى يكون لي غلام ولم يمسسني بشر ولم أك بغيا |
| | | مەريەم ئېيتتى: «ماڭا كىشى يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغۇل بالام بولسۇن؟» |
|