نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2134 | 17 | 105 | وبالحق أنزلناه وبالحق نزل وما أرسلناك إلا مبشرا ونذيرا |
| | | قۇرئاننى ھەقىقەت ئاساسىدا نازىل قىلدۇق، قۇرئانمۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولدى، سېنى بىز پەقەت خوش خەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق |
|
2135 | 17 | 106 | وقرآنا فرقناه لتقرأه على الناس على مكث ونزلناه تنزيلا |
| | | قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە - دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ - بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق |
|
2136 | 17 | 107 | قل آمنوا به أو لا تؤمنوا إن الذين أوتوا العلم من قبله إذا يتلى عليهم يخرون للأذقان سجدا |
| | | «قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار (مەيلى، چۈنكى ئىشىنىشىڭلار ئۇنىڭغا كامالەت، ئىشەنمەسلىكىڭلار ئۇنىڭغا نۇقسان ئېلىپ كەلمەيدۇ)» دېگىن. شۈبھىسىزكى، قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (تەسىرلىنىپ) دەرھال سەجدىگە بارىدۇ |
|
2137 | 17 | 108 | ويقولون سبحان ربنا إن كان وعد ربنا لمفعولا |
| | | ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز پاكتۇر، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ» دەيدۇ |
|
2138 | 17 | 109 | ويخرون للأذقان يبكون ويزيدهم خشوعا |
| | | ئۇلار يىغلىغان ھالدا سەجدە قىلىشقا يىقىلىدۇ (قۇرئاننى ئاڭلاش بىلەن ئۇلار اﷲ قا) تېخىمۇ تەزەررۇ قىلىدۇ |
|
2139 | 17 | 110 | قل ادعوا الله أو ادعوا الرحمن أيا ما تدعوا فله الأسماء الحسنى ولا تجهر بصلاتك ولا تخافت بها وابتغ بين ذلك سبيلا |
| | | «اﷲ دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار (ھەممىسى ياخشىدۇر). چۈنكى اﷲ نىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بار» دېگىن، نامىزىڭدا (قىرائەتنى) (مۇشرىكلار ئاڭلاپ ساڭا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىگى ئۈچۈن) يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، (مۆمىنلەر ئاڭلىماي قالماسلىقى ئۈچۈن) پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقىن |
|
2140 | 17 | 111 | وقل الحمد لله الذي لم يتخذ ولدا ولم يكن له شريك في الملك ولم يكن له ولي من الذل وكبره تكبيرا |
| | | ئېيتقىنكى، «جىمى ھەمدۇسانا بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان، سەلتەنىتىدە شېرىكى بولمىغان، خارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوستقا موھتاج بولمىغان (يەنى خار بولمىغان، ياردەمچىگە موھتاج بولمىغان) اﷲ قا خاستۇر! اﷲ نى مۇكەممەل رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىن» |
|
2141 | 18 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم الحمد لله الذي أنزل على عبده الكتاب ولم يجعل له عوجا |
| | | جىمى ھەمدۇسانا اﷲ قا خاستۇركى، (اﷲ ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بەندىسى (يەنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد) گە توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق (يەنى ئىختىلاپ، زىددىيەت) بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى |
|
2142 | 18 | 2 | قيما لينذر بأسا شديدا من لدنه ويبشر المؤمنين الذين يعملون الصالحات أن لهم أجرا حسنا |
| | | جىمى ھەمدۇسانا اﷲ قا خاستۇركى، (اﷲ ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بەندىسى (يەنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد) گە توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق (يەنى ئىختىلاپ، زىددىيەت) بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى |
|
2143 | 18 | 3 | ماكثين فيه أبدا |
| | | ئۇلار (يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەر) جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ |
|