نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
207 | 2 | 200 | فإذا قضيتم مناسككم فاذكروا الله كذكركم آباءكم أو أشد ذكرا فمن الناس من يقول ربنا آتنا في الدنيا وما له في الآخرة من خلاق |
| | | سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، اﷲ نى بولسا ئاتا - بوۋاڭلارنى (پەخىرلىنىپ) ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار، بەزى كىشىلەر: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچ نېسىۋە يوقتۇر |
|
208 | 2 | 201 | ومنهم من يقول ربنا آتنا في الدنيا حسنة وفي الآخرة حسنة وقنا عذاب النار |
| | | بەزى كىشىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ |
|
209 | 2 | 202 | أولئك لهم نصيب مما كسبوا والله سريع الحساب |
| | | ئەنە شۇلار ئۆزلىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مول مېۋىسىنى كۆرىدۇ. اﷲ نىڭ ھېساب ئېلىشى تېزدۇر (يەنى شۇنچە كۆپ خالايىقتىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھېساب ئېلىپ بولىدۇ) |
|
210 | 2 | 203 | واذكروا الله في أيام معدودات فمن تعجل في يومين فلا إثم عليه ومن تأخر فلا إثم عليه لمن اتقى واتقوا الله واعلموا أنكم إليه تحشرون |
| | | ساناقلىق كۈنلەردە (يەنى تەشرىق كۈنلىرىدە) اﷲ نى ياد ئېتىڭلار (يەنى نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار)، (مىنادىن) ئالدىراپ ئىككى كۈندە قايتقان ئادەمگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، تەخىر قىلىپ قايتقان ئادەمگىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (يۇقىرىقى ئەھكاملار) تەقۋادارلىق قىلىپ (ھەجنى تولۇق ئادا قىلماقچى بولغان) ئادەم ئۈچۈندۇر. اﷲ تىن قورقۇڭلار؛ بىلىڭلاركى، سىلەر ھېساب ئۈچۈن اﷲ نىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر |
|
211 | 2 | 204 | ومن الناس من يعجبك قوله في الحياة الدنيا ويشهد الله على ما في قلبه وهو ألد الخصام |
| | | (ئى مۇھەممەد!) كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ (لېكىن ئۇ يالغانچى مۇناپىقتۇر)، ئۇ دىلىدىكى نەرسىگە (يەنى دىلى باشقا تىلى باشقا ئەمەسلىكىگە) اﷲ نى گۇۋاھ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ (ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكۈچىلەرگە) ئەشەددىي دۈشمەندۇر (كۆرۈنۈشتە ئۇ شېرىن سۆزى ئارقىلىق دىندار قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ) |
|
212 | 2 | 205 | وإذا تولى سعى في الأرض ليفسد فيها ويهلك الحرث والنسل والله لا يحب الفساد |
| | | ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەمەلدە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر، چۈنكى زىرائەتلەرسىز ۋە ھايۋاناتلارسىز ئىنسانلارنىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس). اﷲ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ |
|
213 | 2 | 206 | وإذا قيل له اتق الله أخذته العزة بالإثم فحسبه جهنم ولبئس المهاد |
| | | ئۇنىڭغا (ۋەز - نەسىھەت قىلىنىپ يامان سۆز - ھەرىكەتلىرىڭدىن قايتىپ) اﷲ تىن قورققىن دېيىلسە، غۇرۇرى ئۇنىڭغا گۇناھ يۈكلەيدۇ (يەنى ھەقتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتىپ، پىتنە - پاساتتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر |
|
214 | 2 | 207 | ومن الناس من يشري نفسه ابتغاء مرضات الله والله رءوف بالعباد |
| | | بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار اﷲ نىڭ رەزاسى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ (قىلغان ئەمەلى بىلەن پەقەت اﷲ نىڭ رازىلىقىنىلا تىلەيدۇ). اﷲ بەندىلىرىگە تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر |
|
215 | 2 | 208 | يا أيها الذين آمنوا ادخلوا في السلم كافة ولا تتبعوا خطوات الشيطان إنه لكم عدو مبين |
| | | ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر |
|
216 | 2 | 209 | فإن زللتم من بعد ما جاءتكم البينات فاعلموا أن الله عزيز حكيم |
| | | سىلەرگە (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن (توغرا يولدىن) تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى، (سىلەر جازالىنىسىلەر، چۈنكى) اﷲ غالىبتۇر (يەنى سىلەردىن ئىنتىقام ئېلىشتىن ئاجىز ئەمەستۇر)، ھېكمەت بىلەن ئش قىلغۇچىدۇر |
|