نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2016 | 16 | 115 | إنما حرم عليكم الميتة والدم ولحم الخنزير وما أهل لغير الله به فمن اضطر غير باغ ولا عاد فإن الله غفور رحيم |
| | | اﷲ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى، اﷲ تىن غەيرىنىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى ئختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجىسىزلىقتىن (يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردا (يېسە) اﷲ (ئۇنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇنىڭغا) كۆيۈنگۈچىدۇر |
|
2017 | 16 | 116 | ولا تقولوا لما تصف ألسنتكم الكذب هذا حلال وهذا حرام لتفتروا على الله الكذب إن الذين يفترون على الله الكذب لا يفلحون |
| | | ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھېچقانداق دەلىلسىز) «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداقتا) اﷲ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، اﷲ نامىدىن يالغاننى ئويدورغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ |
|
2018 | 16 | 117 | متاع قليل ولهم عذاب أليم |
| | | (ئۇلار دۇنيادىن پەقەت) ئازغىنا بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ |
|
2019 | 16 | 118 | وعلى الذين هادوا حرمنا ما قصصنا عليك من قبل وما ظلمناهم ولكن كانوا أنفسهم يظلمون |
| | | ئىلگىرى ساڭا بايان قىلغان نەرسىلەرنى يالغۇز يەھۇدىيلارغا ھارام قىلدۇق، (بۇنىڭ بىلەن) بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى |
|
2020 | 16 | 119 | ثم إن ربك للذين عملوا السوء بجهالة ثم تابوا من بعد ذلك وأصلحوا إن ربك من بعدها لغفور رحيم |
| | | شۈبھىسىزكى، بىلمەستىن يامان ئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر |
|
2021 | 16 | 120 | إن إبراهيم كان أمة قانتا لله حنيفا ولم يك من المشركين |
| | | ئىبراھىم ھەقىقەتەن (ياخشى خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرگۈچى) پېشىۋا، اﷲ قا ئىتائەتمەن (باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى يەنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى) ئىدى. ئۇ اﷲ قا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس ئىدى |
|
2022 | 16 | 121 | شاكرا لأنعمه اجتباه وهداه إلى صراط مستقيم |
| | | ئىبراھىم اﷲ نىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى ئىدى. اﷲ ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى ۋە ئۇنى توغرا يولغا باشلىدى |
|
2023 | 16 | 122 | وآتيناه في الدنيا حسنة وإنه في الآخرة لمن الصالحين |
| | | ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق، شەك - شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ |
|
2024 | 16 | 123 | ثم أوحينا إليك أن اتبع ملة إبراهيم حنيفا وما كان من المشركين |
| | | ئاندىن ساڭا: «باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى (يەنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى) ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكىن، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دەپ ۋەھيى قىلدۇق |
|
2025 | 16 | 124 | إنما جعل السبت على الذين اختلفوا فيه وإن ربك ليحكم بينهم يوم القيامة فيما كانوا فيه يختلفون |
| | | شەنبە كۈنى ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلغۇچىلار ئۈچۈنلا ئۇنى ئۇلۇغلاش بەلگىلەندى (يەنى شەنبە كۈنىنى ئۇلۇغلاش ۋە بۇ كۈندە ئىشلىمەسلىك ئىبراھىمنىڭ شەرىئىتىدە يوق ئىدى. يەھۇدىيلار اﷲ نىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلىپ دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا ئېغىرچىلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق بەلگىلىمىنى چىقاردۇق). شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەق - ناھەق ئۈستىدە چوقۇم ھۆكۈم چىقىرىدۇ |
|