نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
2008 | 16 | 107 | ذلك بأنهم استحبوا الحياة الدنيا على الآخرة وأن الله لا يهدي القوم الكافرين |
| | | بۇ (يەنى ئازاب) ئۇلارنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرگەنلىكلىرى ۋە اﷲ نىڭ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر |
|
2009 | 16 | 108 | أولئك الذين طبع الله على قلوبهم وسمعهم وأبصارهم وأولئك هم الغافلون |
| | | ئەنە شۇ كىشىلەر اﷲ تەرىپىدىن دىللىرى، قۇلاقلىرى ۋە كۆزلىرى پېچەتلىۋېتىلگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر |
|
2010 | 16 | 109 | لا جرم أنهم في الآخرة هم الخاسرون |
| | | ئۇلار راستلا ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردۇر |
|
2011 | 16 | 110 | ثم إن ربك للذين هاجروا من بعد ما فتنوا ثم جاهدوا وصبروا إن ربك من بعدها لغفور رحيم |
| | | ئاندىن (ئى مۇھەممەد!) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغان. ئاندىن (اﷲ نىڭ يولىدا) جىھاد قىلغان ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغانلارغا پەرۋەردىگارىڭ (مەغپىرەت قىلىدۇ)، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ شۇنىڭدىن (يەنى ئۇلارنىڭ ھىجرەت، جىھاد، سەۋر قىلغىنىدىن) كېيىن ئۇلارغا ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھمەت قىلغۇچىدۇر |
|
2012 | 16 | 111 | يوم تأتي كل نفس تجادل عن نفسها وتوفى كل نفس ما عملت وهم لا يظلمون |
| | | ھەر ئادەم ئۆزى بىلەن بولۇپ كېتىدىغان، ھەر ئادەم قىلغان ئەمەلىنىڭ مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدىغان، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدىغان كۈننى (يەنى قىيامەت كۈنىنى) ئەسلىگىن |
|
2013 | 16 | 112 | وضرب الله مثلا قرية كانت آمنة مطمئنة يأتيها رزقها رغدا من كل مكان فكفرت بأنعم الله فأذاقها الله لباس الجوع والخوف بما كانوا يصنعون |
| | | اﷲ مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر شەھەر (يەنى مەككە ئاھالىسى) بولۇپ، (ئەسلىدە) تىنچ - خاتىرجەم ئىدى. ئۇنىڭ رىزقى تەرەپ - تەرەپتىن كەڭتاشا كېلىپ تۇراتتى، (ئۇنىڭ ئاھالىسى) اﷲ نىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق قىلدى، اﷲ ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدن ئاچلىقنىڭ ۋە قورقۇنچنىڭ ئەلىمىنى تېتىتتى |
|
2014 | 16 | 113 | ولقد جاءهم رسول منهم فكذبوه فأخذهم العذاب وهم ظالمون |
| | | ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلدى، ئۇنى ئۇلار ئىنكار قىلدى. ئۇلارغا ئازاب (يەنى قاتتىقچىلىق ۋە ئوقۇبەت) يۈزلەندى، ئۇلار (گۇناھلارغا چۆمگەنلىك تۈپەيلىدىن) زالىم ئىدى |
|
2015 | 16 | 114 | فكلوا مما رزقكم الله حلالا طيبا واشكروا نعمت الله إن كنتم إياه تعبدون |
| | | اﷲ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، شېرىن يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، ئەگەر اﷲ غىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، اﷲ نىڭ ھىممىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار |
|
2016 | 16 | 115 | إنما حرم عليكم الميتة والدم ولحم الخنزير وما أهل لغير الله به فمن اضطر غير باغ ولا عاد فإن الله غفور رحيم |
| | | اﷲ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى، اﷲ تىن غەيرىنىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى ئختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجىسىزلىقتىن (يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردا (يېسە) اﷲ (ئۇنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇنىڭغا) كۆيۈنگۈچىدۇر |
|
2017 | 16 | 116 | ولا تقولوا لما تصف ألسنتكم الكذب هذا حلال وهذا حرام لتفتروا على الله الكذب إن الذين يفترون على الله الكذب لا يفلحون |
| | | ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھېچقانداق دەلىلسىز) «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداقتا) اﷲ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، اﷲ نامىدىن يالغاننى ئويدورغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ |
|