نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1922 | 16 | 21 | أموات غير أحياء وما يشعرون أيان يبعثون |
| | | ئۇلار (يەنى بۇتلار) تىرىك ئە مەس، ئۆلۈكتۈر، ئۇلار (چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ) قاچان قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقمايدۇ |
|
1923 | 16 | 22 | إلهكم إله واحد فالذين لا يؤمنون بالآخرة قلوبهم منكرة وهم مستكبرون |
| | | سىلەرنى (ئىبادەت قىلىشقا لايىق) ئىلاھىڭلار بىردۇر، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى (اﷲ نىڭ بىرلىكىنى) ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار چوڭچىلىق قىلىپ، (ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن) باش تارتقۇچىلاردۇر |
|
1924 | 16 | 23 | لا جرم أن الله يعلم ما يسرون وما يعلنون إنه لا يحب المستكبرين |
| | | اﷲ ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى راستلا بىلىپ تۇرىدۇ، اﷲ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ |
|
1925 | 16 | 24 | وإذا قيل لهم ماذا أنزل ربكم قالوا أساطير الأولين |
| | | ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «پەرۋەردىگارىڭلار (پەيغەمبىرىگە) نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟» دېيىلسە، ئۇلار (مەسخىرە قىلىپ): «قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرىنى (نازىل قىلىدى)» دېيىشىدۇ |
|
1926 | 16 | 25 | ليحملوا أوزارهم كاملة يوم القيامة ومن أوزار الذين يضلونهم بغير علم ألا ساء ما يزرون |
| | | ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تولۇق جاۋابكار بولۇشلىرى ۋە ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىلمەستىن ئازدۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىغا ئۆزلىرى جاۋابكار بولۇشلىرى ئۈچۈن (يۇقىرىقى بوھتان سوزلەرنى قىلدى)، ئۇلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغىنى نېمىدېگەن يامان! |
|
1927 | 16 | 26 | قد مكر الذين من قبلهم فأتى الله بنيانهم من القواعد فخر عليهم السقف من فوقهم وأتاهم العذاب من حيث لا يشعرون |
| | | ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن ئىلگىرى ئۆتكەن كاپىرلار (ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە) ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىپ (اﷲ نىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى). اﷲ ئۇلارنىڭ (ھىيلە - مىكىر) بىناسىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلدى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە (بۇ بىنانىڭ) ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ئۇلارغا ئۆزلىرى ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كەلدى |
|
1928 | 16 | 27 | ثم يوم القيامة يخزيهم ويقول أين شركائي الذين كنتم تشاقون فيهم قال الذين أوتوا العلم إن الخزي اليوم والسوء على الكافرين |
| | | ئاندىن كېيىن اﷲ ئۇلارنى قىيامەت كۈنى رەسۋا قىلىدۇ، (ئۇلارغا كايىپ) «مېنىڭ شېرىكلىرىم قېنى قەيەردە؟ سىلەر ئۇلار توغرىسىدا (پەيغەمبەرلەر بىلەن) مۇنازىرىلىشەتتىڭلارغۇ؟» دەيدۇ. ئىلىم بېرىگەنلەر (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغان پەيغەمبەرلەر ۋە ئۆلىمالار): «بۈگۈن رەسۋالىق ۋە ئازاب ھەقىقەتەن كاپىرلارغا تېگىشلىكتۇر» دەيدۇ |
|
1929 | 16 | 28 | الذين تتوفاهم الملائكة ظالمي أنفسهم فألقوا السلم ما كنا نعمل من سوء بلى إن الله عليم بما كنتم تعملون |
| | | ئۇلار (كۇفرىنى ئىختىيار قىلىپ) ئۆزلىرىگە زىيان سالغان شارائىتتا، پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلار بويسۇنغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ھېچقانداق يامان ئىش قىلمىدۇق» (دەيدۇ). ئۇنداق ئەمەس، اﷲ سىلەنىڭ قىلمىشىڭلارنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر |
|
1930 | 16 | 29 | فادخلوا أبواب جهنم خالدين فيها فلبئس مثوى المتكبرين |
| | | سىلەر (ئىچىدە) مەڭگۈ قالىدىغان جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، چوڭچىلىق قىلىپ، (اﷲ قا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقۇچىلارنىڭ بارىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان! |
|
1931 | 16 | 30 | وقيل للذين اتقوا ماذا أنزل ربكم قالوا خيرا للذين أحسنوا في هذه الدنيا حسنة ولدار الآخرة خير ولنعم دار المتقين |
| | | تەقۋادارلارغا: «پەرۋەردىگارىڭلار (پەيغەمبىرىگە) نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟» دېيىلسە، ئۇلار: «ياخشى سۆزلەرنى نازىل قىلدى» دېيىشىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بۇ دۇنيادا مۇكاپاتلىنىدۇ، ئاخىرەت يۇرتى (ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ) ياخشىدۇر. تەقۋادارلارنىڭ يۇرتى راستلا نېمىدېگەن گۈزەل! |
|