نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
20 | 2 | 13 | وإذا قيل لهم آمنوا كما آمن الناس قالوا أنؤمن كما آمن السفهاء ألا إنهم هم السفهاء ولكن لا يعلمون |
| | | ئۇلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا): «ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك (يەنى ساھابىلەردەك چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن) ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «بىز ئىمان ئېيتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىلا ئەخمەقلەر، لېكىن (بۇنى) ئۇلار تۇيمايدۇ |
|
21 | 2 | 14 | وإذا لقوا الذين آمنوا قالوا آمنا وإذا خلوا إلى شياطينهم قالوا إنا معكم إنما نحن مستهزئون |
| | | ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ، شاياتۇنلىرى (يەنى مۇناپىق كاتتىباشلىرى) بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللىمىز، پەقەت (تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ) مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىمىز» دەيدۇ |
|
22 | 2 | 15 | الله يستهزئ بهم ويمدهم في طغيانهم يعمهون |
| | | مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن اﷲ ئۇلارنى جازالايدۇ، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ |
|
23 | 2 | 16 | أولئك الذين اشتروا الضلالة بالهدى فما ربحت تجارتهم وما كانوا مهتدين |
| | | ئەنە شۇلار ھىدايەتنى بېرىپ گۇمراھلىقنى ئالدى. شۇڭا سودىسى پايدا كەلتۈرمىدى، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى بولمىدى |
|
24 | 2 | 17 | مثلهم كمثل الذي استوقد نارا فلما أضاءت ما حوله ذهب الله بنورهم وتركهم في ظلمات لا يبصرون |
| | | ئۇلار گوياكى (كېچىدە ئىسسىنىش ۋە يورۇقلۇق ئېلىش ئۈچۈن) ئوت ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، اﷲ ئۇلارنىڭ (ئوتىنىڭ) يورۇقىنى ئۆچۈرۈۋەتتى، ئۇلارنى (ئەتراپىدىكى ھېچ نەرسىنى) كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى |
|
25 | 2 | 18 | صم بكم عمي فهم لا يرجعون |
| | | ئۇلار گاستۇر (يەنى گاس ئاڭلىمىغاندەك، ياخشىلىقنى ئاڭلىمايدۇ)، گاچىدۇر (يەنى گاچا سۆزلىيەلمىگەندەك، ياخشى ئىشنى سۆزلىيەلمەيدۇ)، كوردۇر (يەنى كور بولۇپ قالغاندەك، توغرا يولنى كۆرمەيدۇ)، شۇڭا ئۇلار (گۇمراھلىقتىن) قايتمايدۇ |
|
26 | 2 | 19 | أو كصيب من السماء فيه ظلمات ورعد وبرق يجعلون أصابعهم في آذانهم من الصواعق حذر الموت والله محيط بالكافرين |
| | | ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك، گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماقلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان، گويا چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. اﷲ كاپىرلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر |
|
27 | 2 | 20 | يكاد البرق يخطف أبصارهم كلما أضاء لهم مشوا فيه وإذا أظلم عليهم قاموا ولو شاء الله لذهب بسمعهم وأبصارهم إن الله على كل شيء قدير |
| | | چاقماق چاققاندا ئۇلار كۆز نۇرىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ. ئۇلار چاقماق يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ؛ قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا تۇرۇپ قالىدۇ، اﷲ خالىسا ئىدى، ئۇلارنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن ئەلۋەتتە مەھرۇم قىلاتتى. اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر |
|
28 | 2 | 21 | يا أيها الناس اعبدوا ربكم الذي خلقكم والذين من قبلكم لعلكم تتقون |
| | | ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار |
|
29 | 2 | 22 | الذي جعل لكم الأرض فراشا والسماء بناء وأنزل من السماء ماء فأخرج به من الثمرات رزقا لكم فلا تجعلوا لله أندادا وأنتم تعلمون |
| | | اﷲ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا (يەنى يۇلتۇزلارنىڭ زىچلىقىدا بىناغا ئوخشاش) قىلىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى. ئەمدى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ھالبۇكى، سىلەر (اﷲ نىڭ شېرىكى يوقلۇقىنى) بىلىپ تۇرىسىلەر |
|