نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1695 | 12 | 99 | فلما دخلوا على يوسف آوى إليه أبويه وقال ادخلوا مصر إن شاء الله آمنين |
| | | ئۇلار يۇسۇفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۇسۇف ئاتا - ئانىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «خۇدا خالىسا، مىسىرغا ئاما - ئېسەن كىرىڭلار» دېدى |
|
1696 | 12 | 100 | ورفع أبويه على العرش وخروا له سجدا وقال يا أبت هذا تأويل رؤياي من قبل قد جعلها ربي حقا وقد أحسن بي إذ أخرجني من السجن وجاء بكم من البدو من بعد أن نزغ الشيطان بيني وبين إخوتي إن ربي لطيف لما يشاء إنه هو العليم الحكيم |
| | | ئاتا - ئانىسىنى تەختىدە (يېنىدا) ئولتۇرغۇزدى، ئۇلار (شاھلارغا تازىم قىلىش ئادىتى بويىچە) يۇسۇفكە سەجدە قىلىشتى. ئۇ: «ئى ئاتا! مانا بۇ، بۇرۇن (كىچىك ۋاقتىمدا) كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، ئۇ چۈشۈمنى پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن راستىغا چىقاردى. پەرۋەردىگارىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش بىلەن، قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارامنى شەيتان بۇزغاندىن كېيىن، سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى، پەرۋەردىگارىم خالىغىنىنى (ئىشقا ئاشۇرۇشقا) ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
|
1697 | 12 | 101 | رب قد آتيتني من الملك وعلمتني من تأويل الأحاديث فاطر السماوات والأرض أنت وليي في الدنيا والآخرة توفني مسلما وألحقني بالصالحين |
| | | پەرۋەردىگارىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» دېدى |
|
1698 | 12 | 102 | ذلك من أنباء الغيب نوحيه إليك وما كنت لديهم إذ أجمعوا أمرهم وهم يمكرون |
| | | مانا بۇلار (يەنى يۇسۇف قىسسىسى) بىر قىسىم غەيب خەۋەرلىرى بولۇپ، بىز ئۇنى ساڭا ۋەھيى قىلدۇق. ئۇلار (يەنى يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى) (ئۇنىڭغا قارشى) چارە تەدبىر تۈزۈپ بىر قارارغا كېلىشكەندە سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ |
|
1699 | 12 | 103 | وما أكثر الناس ولو حرصت بمؤمنين |
| | | سەن گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ (لېكىن) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ |
|
1700 | 12 | 104 | وما تسألهم عليه من أجر إن هو إلا ذكر للعالمين |
| | | قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىڭغا ئۇلاردىن ھېچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايسەن، قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر |
|
1701 | 12 | 105 | وكأين من آية في السماوات والأرض يمرون عليها وهم عنها معرضون |
| | | ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ) نۇرغۇن ئالامەتلىرى باركى، ئۇلا ر ئۇنىڭ يېنىدىن دىققەت قىلماستىن ئۆتۈپ كېتىدۇ |
|
1702 | 12 | 106 | وما يؤمن أكثرهم بالله إلا وهم مشركون |
| | | ئۇلارنىڭ تولىسى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىشىنىدۇ (يەنى اﷲ نى ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى دەپ ئىقرار قىلىش بىلەن بىللە، بۇتلارغىمۇ چوقۇنىدۇ) |
|
1703 | 12 | 107 | أفأمنوا أن تأتيهم غاشية من عذاب الله أو تأتيهم الساعة بغتة وهم لا يشعرون |
| | | ئۇلار اﷲ نىڭ ئازابىدىن، بىرەر جازانىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈشىدىن ياكى ئۇلار سەزمەستىن قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىشىدىن ئەمىن بولدىمۇ؟ |
|
1704 | 12 | 108 | قل هذه سبيلي أدعو إلى الله على بصيرة أنا ومن اتبعني وسبحان الله وما أنا من المشركين |
| | | ئېيتقىنكى، «بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، (كىشىلەرنى) اﷲ قا دەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمىز. اﷲ پاكتۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن» |
|