نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1675 | 12 | 79 | قال معاذ الله أن نأخذ إلا من وجدنا متاعنا عنده إنا إذا لظالمون |
| | | يۇسۇف: «خۇدا ساقلىسۇن، نەرسىمىزنى كىمنىڭ يۈكىدىن تاپقان بولساق، شۇنى ئېلىپ قالىمىز، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى |
|
1676 | 12 | 80 | فلما استيأسوا منه خلصوا نجيا قال كبيرهم ألم تعلموا أن أباكم قد أخذ عليكم موثقا من الله ومن قبل ما فرطتم في يوسف فلن أبرح الأرض حتى يأذن لي أبي أو يحكم الله لي وهو خير الحاكمين |
| | | ئۇلار (بۇنيامىننىڭ ئورنىغا ئۆز ئارىسىدىن بىرسىنى ئېلىپ قېلىشقا يۇسۇفنىڭ ماقۇل بولۇشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، چەترەك يەرگە بېرىپ مەخپىي مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن قەسەم قىلدۇرۇپ ۋەدە ئالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى يۇسۇف توغرىسىدىكى خاتالىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاتام ماڭا رۇخسەت قىلمىغىچە ياكى اﷲ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارمىغۇچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، اﷲ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر |
|
1677 | 12 | 81 | ارجعوا إلى أبيكم فقولوا يا أبانا إن ابنك سرق وما شهدنا إلا بما علمنا وما كنا للغيب حافظين |
| | | سىلەر قايتىپ كېتىپ ئاتاڭلار بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئاندىن ئېيتىڭلاركى، ئى ئاتىمىز! سېنىڭ ئوغلۇڭ راستلا ئوغرىلىق قىلدى، بىز پەقەت بىلگەن نەرسىمىز ئۈستىدىلا گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمىز، بىز غەيبنى بىلمەيمىز (يەنى ساڭا ۋەدە بەرگەن چېغىمىزدا ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدۇق) |
|
1678 | 12 | 82 | واسأل القرية التي كنا فيها والعير التي أقبلنا فيها وإنا لصادقون |
| | | بىز تۇرغان شەھەردىن (يەنى مىسىردىن) ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭغان كارۋاندىن سوراپ باققىن، بىزنىڭ سۆزىمىز چوقۇم راست» |
|
1679 | 12 | 83 | قال بل سولت لكم أنفسكم أمرا فصبر جميل عسى الله أن يأتيني بهم جميعا إنه هو العليم الحكيم |
| | | يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋرە قىلىمەن، ئۇلارنىڭ (يەنى ئۈچ ئوغلۇمنىڭ) ھەممىسىنى ماڭا دەرقەمتە قىلىپ بېرىشنى اﷲ تىن تىلەيمەن. اﷲ ھەقىقەتەن (مېنىڭ ھالىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» |
|
1680 | 12 | 84 | وتولى عنهم وقال يا أسفى على يوسف وابيضت عيناه من الحزن فهو كظيم |
| | | يەئقۇب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: «ئىسىت يۇسۇف!» دېدى. قايغۇدىن (كۆپ يىغلاپ) ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى (يەنى ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى)، ئۇ تولۇپ تاشقان ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتقان ئىدى |
|
1681 | 12 | 85 | قالوا تالله تفتأ تذكر يوسف حتى تكون حرضا أو تكون من الهالكين |
| | | ئۇلار: «اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن يۇسۇفنى ياد ئېتىۋېرىپ (ھەسرەتتىن) ھالاك بولۇشقا تاس قالىدىغان ياكى ھالاك بولىدىغان بولدۇڭ» دېدى |
|
1682 | 12 | 86 | قال إنما أشكو بثي وحزني إلى الله وأعلم من الله ما لا تعلمون |
| | | يەئقۇب ئېيتتى: «مەن قايغۇ - ھەسرىتىمنى پەقەت اﷲ غىلا ئېيتىمەن، اﷲ نىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن |
|
1683 | 12 | 87 | يا بني اذهبوا فتحسسوا من يوسف وأخيه ولا تيأسوا من روح الله إنه لا ييأس من روح الله إلا القوم الكافرون |
| | | ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۇسۇفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ» |
|
1684 | 12 | 88 | فلما دخلوا عليه قالوا يا أيها العزيز مسنا وأهلنا الضر وجئنا ببضاعة مزجاة فأوف لنا الكيل وتصدق علينا إن الله يجزي المتصدقين |
| | | ئۇلار يۇسۇفنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە: «ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، (ئالدىڭغا) ناچار ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن، اﷲ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ» دېدى |
|