نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1651 | 12 | 55 | قال اجعلني على خزائن الأرض إني حفيظ عليم |
| | | يۇسۇف: «مېنى (مىسىر) زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن (ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى) بىلىدىغان، ئوبدان ساقلىيالايدىغان ئادەممەن» دېدى |
|
1652 | 12 | 56 | وكذلك مكنا ليوسف في الأرض يتبوأ منها حيث يشاء نصيب برحمتنا من نشاء ولا نضيع أجر المحسنين |
| | | بىز يۇسۇفنى (مىسىر زېمىنىدا خالىغان جايدا تۇرىدىغان (مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) قىلىپ يەرلەشتۈردۇق، رەھمىتىمىزنى خالىغان بەندىلىرىمىزگە ئېرىشتۈرىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز |
|
1653 | 12 | 57 | ولأجر الآخرة خير للذين آمنوا وكانوا يتقون |
| | | ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە، (بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ئارتۇقتۇر |
|
1654 | 12 | 58 | وجاء إخوة يوسف فدخلوا عليه فعرفهم وهم له منكرون |
| | | يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى كېلىپ يۇسۇفنىڭ قېشىغا كىردى. يۇسۇف ئۇلارنى تونۇدى، ئۇلار بولسا يۇسۇفنى تونۇمىدى |
|
1655 | 12 | 59 | ولما جهزهم بجهازهم قال ائتوني بأخ لكم من أبيكم ألا ترون أني أوفي الكيل وأنا خير المنزلين |
| | | يۇسۇف ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئاشلىقنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا ئاتا بىر ئۇكاڭلارنى (يەنى بۇنيامىننى) ئېلىپ كېلىڭلار، مېنىڭ (ئاشلىقنى) تولۇق ئۆلچەپ بېرىۋاتقانلىقىمنى ۋە ناھايىتى مېھماندوست ئىكەنلىكىمنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ |
|
1656 | 12 | 60 | فإن لم تأتوني به فلا كيل لكم عندي ولا تقربون |
| | | ئەگەر ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلمىسەڭلار، سىلەرگە بېرىدىغان ئاشلىقىم يوق، مېنىڭ يېنىمغا يېقىن يولىماڭلار» |
|
1657 | 12 | 61 | قالوا سنراود عنه أباه وإنا لفاعلون |
| | | ئۇلار: «بىز ئۇنى ئاتىسىدىن سوراپ (سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىشكە) تىرىشىمىز، بىز چوقۇم مۇشۇنداق قىلىمىز» دېدى |
|
1658 | 12 | 62 | وقال لفتيانه اجعلوا بضاعتهم في رحالهم لعلهم يعرفونها إذا انقلبوا إلى أهلهم لعلهم يرجعون |
| | | يۇسۇف خىزمەتچىلىرىگە: «ئۇلارنىڭ (ئاشلىق سېتىۋالغان) مال - مۈلۈكلىرىنى يۈك - تاقىلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇڭلار، ئۇلار ئائىلىسىگە قايتىپ بارغاندا، ئۇنى تونۇپ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن» دېدى |
|
1659 | 12 | 63 | فلما رجعوا إلى أبيهم قالوا يا أبانا منع منا الكيل فأرسل معنا أخانا نكتل وإنا له لحافظون |
| | | ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارغىنىدا: «ئى ئاتىمىز! (مىسىرنىڭ پادىشاھى) بىزگە قايتا ئاشلىق بەرمەس بولدى، ئۇكىمىزنى (يەنى بۇنيامىننى) بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، (شۇنداق قىلساڭ) ئاشلىق ئالالايمىز، ئۇنى بىز چوقۇم ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېدى |
|
1660 | 12 | 64 | قال هل آمنكم عليه إلا كما أمنتكم على أخيه من قبل فالله خير حافظا وهو أرحم الراحمين |
| | | (يەئقۇب) ئۇلارغا ئېيتتى: «ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىلگىرى سىلەرگە ئۇنىڭ قېرىندىشى (يەنى يۇسۇف) توغرىسىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىم؟ (مەن سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئۇنى ساقلىشىڭلارغلا ئىشەنمەيمەن) اﷲ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ھەممىدىن مېھرىباندۇر» |
|