نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1592 | 11 | 119 | إلا من رحم ربك ولذلك خلقهم وتمت كلمة ربك لأملأن جهنم من الجنة والناس أجمعين |
| | | ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، پۈتۈن ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، ئۇلار (دىن توغرىسىدا) داۋاملىق ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر، پەقەت پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. اﷲ ئۇلارنى شۇنىڭ ئۈچۈن (يەنى ئىختىلاپ ئۈچۈن) ياراتتى. پەرۋەردىگارىڭنىڭ: «مەن چوقۇم پۈتۈن جىنلار ۋە ئىنسانلار بىلەن دوزاخنى توشقۇزىمەن» دېگەن سۆزى ئېنىق بەلگىلەندى |
|
1593 | 11 | 120 | وكلا نقص عليك من أنباء الرسل ما نثبت به فؤادك وجاءك في هذه الحق وموعظة وذكرى للمؤمنين |
| | | كۆڭلۈڭنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، ساڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇ قىسسىلەر ھەقىقەتنى، مۆمىنلەر ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەت، ئىبرەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان |
|
1594 | 11 | 121 | وقل للذين لا يؤمنون اعملوا على مكانتكم إنا عاملون |
| | | ئىمان ئېيتمايدىغانلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار، بىزمۇ ئۆز يولىمىز بويىچە ھەرىكەت قىلايلى |
|
1595 | 11 | 122 | وانتظروا إنا منتظرون |
| | | سىلەر (ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە (شۇنى) كۈتىمىز» |
|
1596 | 11 | 123 | ولله غيب السماوات والأرض وإليه يرجع الأمر كله فاعبده وتوكل عليه وما ربك بغافل عما تعملون |
| | | ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش پەقەت اﷲ قا خاستۇر، ھەممە ئىش اﷲ قا قايتۇرۇلىدۇ، اﷲ قا ئىبادەت قىلغىن ۋە اﷲ قا تەۋەككۈل قىلغىن (يەنى ھەممە ئىشىڭنى اﷲ قا تاپشۇرغىن). پەرۋەردىگارىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر |
|
1597 | 12 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم الر تلك آيات الكتاب المبين |
| | | ئەلىف، لام، را. بۇ روشەن كىتاب ئايەتلىرىدۇر |
|
1598 | 12 | 2 | إنا أنزلناه قرآنا عربيا لعلكم تعقلون |
| | | شۈبھىسىزكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق |
|
1599 | 12 | 3 | نحن نقص عليك أحسن القصص بما أوحينا إليك هذا القرآن وإن كنت من قبله لمن الغافلين |
| | | بۇ قۇرئاننى ساڭا ۋەھيى قىلىش ئارقىلىق ئەڭ چىرايلىق قىسسىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قىسسىدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدىڭ |
|
1600 | 12 | 4 | إذ قال يوسف لأبيه يا أبت إني رأيت أحد عشر كوكبا والشمس والقمر رأيتهم لي ساجدين |
| | | ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇف ئۆز ئاتىسىغا: «ئى ئاتا! مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە 11 يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېدى |
|
1601 | 12 | 5 | قال يا بني لا تقصص رؤياك على إخوتك فيكيدوا لك كيدا إن الشيطان للإنسان عدو مبين |
| | | ئاتىسى (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام): «ئى ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا سۇيىقەست قىلىپ قالمىسۇن، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېدى |
|