نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1582 | 11 | 109 | فلا تك في مرية مما يعبد هؤلاء ما يعبدون إلا كما يعبد آباؤهم من قبل وإنا لموفوهم نصيبهم غير منقوص |
| | | ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇىشىنىڭ (گۇمراھلىق) ئىكەنلىكىدىن شەكلەنمە، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ بىز ساڭا قىسسىسىنى بايان قىلغان ئاتا - بوۋىلىرىغا ئوخشاشلا چوقۇنىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ (ئازابتىن) تېگىشلىك نېسىۋىسىنى چوقۇم كېمەيتمەي بېرىمىز |
|
1583 | 11 | 110 | ولقد آتينا موسى الكتاب فاختلف فيه ولولا كلمة سبقت من ربك لقضي بينهم وإنهم لفي شك منه مريب |
| | | شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق، ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىندى (يەنى ئۇنىڭ قەۋمى بۇ كىتاب ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشتى). پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىن چىقارغان (ئۇلارنى جازالاشنى قىيامەتكە قالدۇرۇش ھەققىدىكى) ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇشۇ دۇنيادىلا ياخشىغا ياخشىچە، يامانغا يامانچە) چوقۇم ھۆكۈم چىقىرىلاتتى. ھەقىقەتەن ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى قۇرئاندىن) زور گۇماندىدۇر |
|
1584 | 11 | 111 | وإن كلا لما ليوفينهم ربك أعمالهم إنه بما يعملون خبير |
| | | پەرۋەردىگارىڭ ھەر بىر ئادەمگە ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ، اﷲ، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر |
|
1585 | 11 | 112 | فاستقم كما أمرت ومن تاب معك ولا تطغوا إنه بما تعملون بصير |
| | | (ئى مۇھەممەد!) اﷲ سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن، ساڭا ئىمان ئېيتقانلارمۇ توغرا يولدا بولسۇن. (مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قىلىپ) اﷲ نىڭ چەكلىرىدىن چىقىپ كەتمەڭلار، شۈبھىسىزكى، اﷲ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر |
|
1586 | 11 | 113 | ولا تركنوا إلى الذين ظلموا فتمسكم النار وما لكم من دون الله من أولياء ثم لا تنصرون |
| | | زالىملارغا مايىل بولماڭلار، (مايىل بولساڭلار) دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر، سىلەرگە اﷲ تىن باشقا (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچى يوقتۇر، ئاندىن كېيىن ھېچ ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر |
|
1587 | 11 | 114 | وأقم الصلاة طرفي النهار وزلفا من الليل إن الحسنات يذهبن السيئات ذلك ذكرى للذاكرين |
| | | كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە (يەنى ئەتىگەندە ۋە كەچقۇرۇن ۋاقىتلىرىدا) ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئۆتىگىن. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر |
|
1588 | 11 | 115 | واصبر فإن الله لا يضيع أجر المحسنين |
| | | (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغىن، اﷲ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ |
|
1589 | 11 | 116 | فلولا كان من القرون من قبلكم أولو بقية ينهون عن الفساد في الأرض إلا قليلا ممن أنجينا منهم واتبع الذين ظلموا ما أترفوا فيه وكانوا مجرمين |
| | | سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئارىسىدا نېمىشقا (يامانلارنى) يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن توسىدىغان ئەقىل ئىلگىرى بولمىدى؟ ئۇلار ئارىسىدىن بۇزۇقچىلىقنى توسۇپ بىزنىڭ نىجاتلىقىمىزغا ئېرىشكەن ئازغىنا كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ئەيش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىدۇ. ئۇلار گۇناھكار ئادەملەردۇر |
|
1590 | 11 | 117 | وما كان ربك ليهلك القرى بظلم وأهلها مصلحون |
| | | پەرۋەردىگارىڭ ئاھالىسى ياخشى بولغان يۇرتلارنى زۇلۇم سېلىپ ھالاك قىلمايدۇ |
|
1591 | 11 | 118 | ولو شاء ربك لجعل الناس أمة واحدة ولا يزالون مختلفين |
| | | ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، پۈتۈن ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، ئۇلار (دىن توغرىسىدا) داۋاملىق ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر، پەقەت پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. اﷲ ئۇلارنى شۇنىڭ ئۈچۈن (يەنى ئىختىلاپ ئۈچۈن) ياراتتى. پەرۋەردىگارىڭنىڭ: «مەن چوقۇم پۈتۈن جىنلار ۋە ئىنسانلار بىلەن دوزاخنى توشقۇزىمەن» دېگەن سۆزى ئېنىق بەلگىلەندى |
|