نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1565 | 11 | 92 | قال يا قوم أرهطي أعز عليكم من الله واتخذتموه وراءكم ظهريا إن ربي بما تعملون محيط |
| | | شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ قەۋم قېرىنداشلىرىم سىلەرگە اﷲ تىنمۇ ئەتىۋارلىقمۇ؟ سىلەر اﷲ نى ئارقاڭلارغا چۆرىۋەتتىڭلار (يەنى اﷲ قا ئىتائەت قىلمىدىڭلار ۋە اﷲ نى ئۇلۇغلىمىدىڭلار)، پەرۋەردىگارىم سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ئەلۋەتتە خەۋەرداردۇر |
|
1566 | 11 | 93 | ويا قوم اعملوا على مكانتكم إني عامل سوف تعلمون من يأتيه عذاب يخزيه ومن هو كاذب وارتقبوا إني معكم رقيب |
| | | ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار، مەنمۇ ئەلۋەتتە ئۆز يولۇم بويىچە ھەرىكەت قىلاي! ئۇزاققا قالماي كىمنىڭ رەسۋا قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى ۋە كىمنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر، (ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار! شۈبھىسىزكى. مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە كۈتىمەن» |
|
1567 | 11 | 94 | ولما جاء أمرنا نجينا شعيبا والذين آمنوا معه برحمة منا وأخذت الذين ظلموا الصيحة فأصبحوا في ديارهم جاثمين |
| | | بىزنىڭ (ئۇلارنى ھالاك قىلىش) پەرمانىمىز چۈشكەن چاغدا، شۇئەيبنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى مەرھەمەت قىلىپ قۇتۇلدۇردۇق، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارغا قاتتىق ئاۋاز (دىن پەيدا بولغان زىلزىلە) يۈزلەندى، ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى |
|
1568 | 11 | 95 | كأن لم يغنوا فيها ألا بعدا لمدين كما بعدت ثمود |
| | | گويا ئۇلار ئۆيلىرىدە تۇرمىغاندەك (يەنى ياشىمىغاندەك) بولۇپ قالدى. مەديەن ئاھالىسى خۇددى سەمۇد قەۋمى ھالاك بولغاندەك ھالاك بولسۇن! |
|
1569 | 11 | 96 | ولقد أرسلنا موسى بآياتنا وسلطان مبين |
| | | بىز مۇسانى ھەقىقەتەن ئايەتلىرىمىز (يەنى اﷲ تىن نازىل بولغان دىنىي ئەھكاملار) ۋە روشەن دەلىللەر (يەنى مۆجىزىلەر) بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى |
|
1570 | 11 | 97 | إلى فرعون وملئه فاتبعوا أمر فرعون وما أمر فرعون برشيد |
| | | بىز مۇسانى ھەقىقەتەن ئايەتلىرىمىز (يەنى اﷲ تىن نازىل بولغان دىنىي ئەھكاملار) ۋە روشەن دەلىللەر (يەنى مۆجىزىلەر) بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى |
|
1571 | 11 | 98 | يقدم قومه يوم القيامة فأوردهم النار وبئس الورد المورود |
| | | پىرئەۋن قىيامەت كۈنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆز قەۋمىنى دوزاخقا باشلاپ كىرىدۇ، ئۇ جاي نېمىدېگەن يامان! |
|
1572 | 11 | 99 | وأتبعوا في هذه لعنة ويوم القيامة بئس الرفد المرفود |
| | | ئۇلار بۇ دۇنيادىمۇ، قىيامەت كۈنىدىمۇ لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن (ئىككىلا دۇنيادا لەنەتكە ئۇچراشتىن ئىبارەت) بۇ سوغا نېمىدېگەن يامان! |
|
1573 | 11 | 100 | ذلك من أنباء القرى نقصه عليك منها قائم وحصيد |
| | | مانا بۇلار (ئاھالىسىنى بىز ھالاك قىلغان) يۇرتلارنىڭ خەۋەرلىرىدۇر، ئۇنى ساڭا (ۋەھىيى ئارقىلىق) بايان قىلىمىز. ئۇ يۇرتلاردىن ئىزى قالغانلىرىمۇ بار (يەنى ئاھالىسى ھالاك قىلىنىپ، يۇرتلىرىنىڭ ئورنى قالدۇرۇلغانلىرىمۇ بار)، ئىزى قالمىغانلىرىمۇ بار (يەنى ئاھالىسى بىلەن قوشۇپ ئۆرۈۋېتىلگەن زىرائەتتەك ۋەيران قىلىنغانلىرىمۇ بار) |
|
1574 | 11 | 101 | وما ظلمناهم ولكن ظلموا أنفسهم فما أغنت عنهم آلهتهم التي يدعون من دون الله من شيء لما جاء أمر ربك وما زادوهم غير تتبيب |
| | | بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى ھالاك قىلىش) پەرمانى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى، ئۇلارغا پەقەت زىيان سالدى |
|