نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1527 | 11 | 54 | إن نقول إلا اعتراك بعض آلهتنا بسوء قال إني أشهد الله واشهدوا أني بريء مما تشركون |
| | | بىز پەقەت سېنى بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ دەيمىز» ھۇد ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن اﷲ نى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ اﷲ نى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن، ھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار |
|
1528 | 11 | 55 | من دونه فكيدوني جميعا ثم لا تنظرون |
| | | بىز پەقەت سېنى بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ دەيمىز» ھۇد ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن اﷲ نى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ اﷲ نى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن، ھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار |
|
1529 | 11 | 56 | إني توكلت على الله ربي وربكم ما من دابة إلا هو آخذ بناصيتها إن ربي على صراط مستقيم |
| | | شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان اﷲ قا مەن تەۋەككۈل قىلدىم، اﷲ نىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر؛ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇر (يەنى ئادىل بولۇپ، ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ) |
|
1530 | 11 | 57 | فإن تولوا فقد أبلغتكم ما أرسلت به إليكم ويستخلف ربي قوما غيركم ولا تضرونه شيئا إن ربي على كل شيء حفيظ |
| | | ئەگەر سىلەر (مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار (يۈز ئۆرۈگىنىڭلارنىڭ ماڭا زىيىنى يوق)، سىلەرگە مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم (پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر)، پەرۋەردىگارىم (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، (شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) اﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر» |
|
1531 | 11 | 58 | ولما جاء أمرنا نجينا هودا والذين آمنوا معه برحمة منا ونجيناهم من عذاب غليظ |
| | | بىزنىڭ (ئازابلاش) بۇيرۇقىمىز كەلگەندە، ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى مەرھەمەت قىلىپ قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى قاتتىق ئازابتىن خالاس قىلدۇق |
|
1532 | 11 | 59 | وتلك عاد جحدوا بآيات ربهم وعصوا رسله واتبعوا أمر كل جبار عنيد |
| | | ئەنە شۇ ئاد قەۋمى پەرۋەردىگارىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلدى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئاسىيلىق قىلدى، ھەربىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىز (يەنى ھەققە قارشىلىق قىلىپ جېدەللەشكۈچى) نىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى |
|
1533 | 11 | 60 | وأتبعوا في هذه الدنيا لعنة ويوم القيامة ألا إن عادا كفروا ربهم ألا بعدا لعاد قوم هود |
| | | ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت قىلىندى، قىيامەت كۈنىمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاد قەۋمى ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ھۇد قەۋمى بولغان ئاد ھالاك بولسۇن |
|
1534 | 11 | 61 | وإلى ثمود أخاهم صالحا قال يا قوم اعبدوا الله ما لكم من إله غيره هو أنشأكم من الأرض واستعمركم فيها فاستغفروه ثم توبوا إليه إن ربي قريب مجيب |
| | | سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە اﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ سىلەرنى زېمىندىن (يەنى تۇپراقتىن) ياراتتى، سىلەرنى زېمىندا تۇرغۇزدى، اﷲ تىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن يېقىندۇر، (دۇئانى) ئىجابەت قىلغۇچىدۇر» |
|
1535 | 11 | 62 | قالوا يا صالح قد كنت فينا مرجوا قبل هذا أتنهانا أن نعبد ما يعبد آباؤنا وإننا لفي شك مما تدعونا إليه مريب |
| | | ئۇلار: «ئى سالىھ! بۇنىڭدىن بۇرۇن سەن ئارىمىزدا ئۈمىد قىلىنغان كىشى ئىدىڭ (يەنى بۇ سۆزنى ئېيتىشىڭدىن بۇرۇن ئارىمىزدا چوڭ ئادەم بولۇپ قېلىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتۇق)، بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن توسۇمسەن؟ شەك شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتەن بىز سەن دەۋەت قىلغان ئىشقا زور گۇماندىمىز» دېيىشتى |
|
1536 | 11 | 63 | قال يا قوم أرأيتم إن كنت على بينة من ربي وآتاني منه رحمة فمن ينصرني من الله إن عصيته فما تزيدونني غير تخسير |
| | | سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتى (يەنى پەيغەمبەرلىك) گە سازاۋەر بولسام، شۇنداق تۇرۇقلۇق اﷲ قا قارشىلىق قىلسام، اﷲ نىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ (مېنى ئۆزۈڭلارغا ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىش بىلەن) ماڭا پەقەت زىياندىن باشقىسىنى زىيادە قىلالمايسىلەر |
|