نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1522 | 11 | 49 | تلك من أنباء الغيب نوحيها إليك ما كنت تعلمها أنت ولا قومك من قبل هذا فاصبر إن العاقبة للمتقين |
| | | (ئى مۇھەممەد!) ئەنە شۇ (قىسسە) غەيبكە ئائىت خەۋەرلەردىندۇر، ساڭا ئۇنى ۋەھيى قىلدۇق، سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى بىلمەيتتىڭلار، سەۋر قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر |
|
1523 | 11 | 50 | وإلى عاد أخاهم هودا قال يا قوم اعبدوا الله ما لكم من إله غيره إن أنتم إلا مفترون |
| | | ئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە اﷲ تىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سىلەر (اﷲ تىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن) پەقەت (اﷲ قا) يالغاننى توقۇغۇچىلارسىلەر» |
|
1524 | 11 | 51 | يا قوم لا أسألكم عليه أجرا إن أجري إلا على الذي فطرني أفلا تعقلون |
| | | «ئى قەۋمىم! مەن تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر سورىمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت مېنى ياراتقان اﷲ ئۈستىگە ئالغان، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟» |
|
1525 | 11 | 52 | ويا قوم استغفروا ربكم ثم توبوا إليه يرسل السماء عليكم مدرارا ويزدكم قوة إلى قوتكم ولا تتولوا مجرمين |
| | | «ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ - قۇۋۋەت بېرىدۇ، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن ھالدا (مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار» |
|
1526 | 11 | 53 | قالوا يا هود ما جئتنا ببينة وما نحن بتاركي آلهتنا عن قولك وما نحن لك بمؤمنين |
| | | ئۇلار ئېيتتى: «ئى ھۇد! سەن بىزگە (ئۆزۈڭنىڭ راستلىقىڭنى كۆرسىتىدىغان) ھېچقانداق روشەن دەلىل كەلتۈرمىدىڭ، سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن بىز ئىلاھلىرىمىزنى تاشلىۋەتمەيمىز ۋە سېنىڭ (پەيغەمبەرلىكىڭگە) ئىشەنمەيمىز |
|
1527 | 11 | 54 | إن نقول إلا اعتراك بعض آلهتنا بسوء قال إني أشهد الله واشهدوا أني بريء مما تشركون |
| | | بىز پەقەت سېنى بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ دەيمىز» ھۇد ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن اﷲ نى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ اﷲ نى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن، ھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار |
|
1528 | 11 | 55 | من دونه فكيدوني جميعا ثم لا تنظرون |
| | | بىز پەقەت سېنى بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ دەيمىز» ھۇد ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن اﷲ نى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ اﷲ نى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن، ھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار |
|
1529 | 11 | 56 | إني توكلت على الله ربي وربكم ما من دابة إلا هو آخذ بناصيتها إن ربي على صراط مستقيم |
| | | شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان اﷲ قا مەن تەۋەككۈل قىلدىم، اﷲ نىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر؛ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇر (يەنى ئادىل بولۇپ، ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ) |
|
1530 | 11 | 57 | فإن تولوا فقد أبلغتكم ما أرسلت به إليكم ويستخلف ربي قوما غيركم ولا تضرونه شيئا إن ربي على كل شيء حفيظ |
| | | ئەگەر سىلەر (مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار (يۈز ئۆرۈگىنىڭلارنىڭ ماڭا زىيىنى يوق)، سىلەرگە مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم (پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر)، پەرۋەردىگارىم (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، (شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) اﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر» |
|
1531 | 11 | 58 | ولما جاء أمرنا نجينا هودا والذين آمنوا معه برحمة منا ونجيناهم من عذاب غليظ |
| | | بىزنىڭ (ئازابلاش) بۇيرۇقىمىز كەلگەندە، ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى مەرھەمەت قىلىپ قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى قاتتىق ئازابتىن خالاس قىلدۇق |
|