نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1501 | 11 | 28 | قال يا قوم أرأيتم إن كنت على بينة من ربي وآتاني رحمة من عنده فعميت عليكم أنلزمكموها وأنتم لها كارهون |
| | | نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، ئېيتىڭلارچۇ، مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان (دەۋىتىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە (يەنى پەيغەمبەرلىككە) سازاۋەر بولغان بولسام، ئۇ دەلىل سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولسا، ئۇنى يامان كۆرسەڭلار، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا سىلەرنى مەجبۇرلامدۇق؟ |
|
1502 | 11 | 29 | ويا قوم لا أسألكم عليه مالا إن أجري إلا على الله وما أنا بطارد الذين آمنوا إنهم ملاقو ربهم ولكني أراكم قوما تجهلون |
| | | ئى قەۋمىم! سىلەرگە (دىننى) تەبلىغ قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن پۇل - مال تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت اﷲ ئۆز ئۈستىگە ئالغان، مەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى (يېنىمدىن) قوغلىۋەتمەيمەن، (چۈنكى) ئۇلار، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدۇ، لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرۈمەن |
|
1503 | 11 | 30 | ويا قوم من ينصرني من الله إن طردتهم أفلا تذكرون |
| | | ئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەم، اﷲ نىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ ئويلىنىپ باقمامسىلەر؟ |
|
1504 | 11 | 31 | ولا أقول لكم عندي خزائن الله ولا أعلم الغيب ولا أقول إني ملك ولا أقول للذين تزدري أعينكم لن يؤتيهم الله خيرا الله أعلم بما في أنفسهم إني إذا لمن الظالمين |
| | | مەن سىلەرگە، مەندە اﷲ نىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن، غەيبنى بىلىمەن دېمەيمەن، مەن ئەلۋەتتە (ئۆزۈمنى) پەرىشتە دەپمۇ ئېيتمايمەن ھەمدە سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەرنى اﷲ ئۇلارغا ياخشىلىق بەرمەيدۇ دېمەيمەن، اﷲ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، بولمىسا مەن چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن» |
|
1505 | 11 | 32 | قالوا يا نوح قد جادلتنا فأكثرت جدالنا فأتنا بما تعدنا إن كنت من الصادقين |
| | | ئۇلار (يەنى نۇھنىڭ قەۋمى): «ئى نۇھ! بىز بىلەن مۇنازىرلەشتىڭ، ناھايىتى كۆپ مۇنازىرلەشتىڭ. ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى چۈشۈرۈپ باققىن» دېدى |
|
1506 | 11 | 33 | قال إنما يأتيكم به الله إن شاء وما أنتم بمعجزين |
| | | نۇھ ئېيتتى: «ئۇنى (يەنى ئازابنى) ئەگەر خالىسا اﷲ لا چۈشۈرەلەيدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر |
|
1507 | 11 | 34 | ولا ينفعكم نصحي إن أردت أن أنصح لكم إن كان الله يريد أن يغويكم هو ربكم وإليه ترجعون |
| | | مەن سىلەرگە قىلغان نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولمايدۇ، اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، سىلەر اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر» |
|
1508 | 11 | 35 | أم يقولون افتراه قل إن افتريته فعلي إجرامي وأنا بريء مما تجرمون |
| | | ياكى ئۇلار (يەنى قۇرەيشنىڭ كاپىرلىرى) قۇرئاننى ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۆزى ئىجاد قىلدى دېيىشەمدۇ؟ «ئەگەر ئۇنى مەن ئىجاد قىلغان بولسام، ئۇ گۇناھىمغا ئۆزۈم مەسئۇل، مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلاردىن ئادا - جۇدا مەن» دېگىن |
|
1509 | 11 | 36 | وأوحي إلى نوح أنه لن يؤمن من قومك إلا من قد آمن فلا تبتئس بما كانوا يفعلون |
| | | نۇھقا (مۇنداق) ۋەھيى قىلىندى: «قەۋمىڭدىن ئىلگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا يەنە ئىمان ئېيتقۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن قايغۇرمىغىن |
|
1510 | 11 | 37 | واصنع الفلك بأعيننا ووحينا ولا تخاطبني في الذين ظلموا إنهم مغرقون |
| | | بىزنىڭ كۆز ئوڭىمىزدا ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن (يەنى ئۇلارغا شاپائەت قىلمىغىن)، ئۇلار چوقۇم (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇ» |
|