نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1394 | 10 | 30 | هنالك تبلو كل نفس ما أسلفت وردوا إلى الله مولاهم الحق وضل عنهم ما كانوا يفترون |
| | | بۇ چاغدا ھەر ئادەم ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۈستىدە سىنىلىدۇ (يەنى ياخشىمۇ - يامانمۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى. كۆرىدۇ)، ئۇلار ھەقىقىي ئىگىسى - اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ شاپائەت قىلىدۇ دەپ دەۋا قىلغان بۇتلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ |
|
1395 | 10 | 31 | قل من يرزقكم من السماء والأرض أمن يملك السمع والأبصار ومن يخرج الحي من الميت ويخرج الميت من الحي ومن يدبر الأمر فسيقولون الله فقل أفلا تتقون |
| | | (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسماندىن (يامغۇر ياغدۇرۇپ) زېمىندىن (گىياھ ئۈندۈرۈپ) كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ (خالايىقنىڭ) ئىشلىرىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟» ئۇلار (بۇلارغا جاۋابەن): «اﷲ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «اﷲ تىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟ |
|
1396 | 10 | 32 | فذلكم الله ربكم الحق فماذا بعد الحق إلا الضلال فأنى تصرفون |
| | | (يۇقىرىقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى) سىلەرنىڭ ھەقىقىي پەرۋەردىگارىڭلار، ئەنە شۇ اﷲ دۇر. ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن غەيرىي نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، نېمىشقا (ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟» |
|
1397 | 10 | 33 | كذلك حقت كلمت ربك على الذين فسقوا أنهم لا يؤمنون |
| | | پەرۋەردىگارىڭنىڭ اﷲ قا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانلار توغرىسىدىكى ھۆكمى ھەقلىق بولدى. ئۇلار (اﷲ نىڭ بىرلىكىگە، رەسۇلۇللانىڭ پەيغەمبەرلىكىگە) ئىمان ئېيتمايدۇ |
|
1398 | 10 | 34 | قل هل من شركائكم من يبدأ الخلق ثم يعيده قل الله يبدأ الخلق ثم يعيده فأنى تؤفكون |
| | | (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «اﷲ مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. نېمىشقا (ھەقتىن باتىل تەرەپكە) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟» |
|
1399 | 10 | 35 | قل هل من شركائكم من يهدي إلى الحق قل الله يهدي للحق أفمن يهدي إلى الحق أحق أن يتبع أمن لا يهدي إلا أن يهدى فما لكم كيف تحكمون |
| | | ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا (گۇمراھنى) ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «اﷲ گۇمراھنى ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغان زاتقا بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ ياكى (گۇمراھنى) ھەق يولغا يېتەكلىيەلمەيدىغان، پەقەت ئۆزى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج بولغان (بۇتلاغا) بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمىشقا مۇنداق (باتىل) ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟» |
|
1400 | 10 | 36 | وما يتبع أكثرهم إلا ظنا إن الظن لا يغني من الحق شيئا إن الله عليم بما يفعلون |
| | | ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇتلارغا ئېتىقاد قىلىشتا) پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ، پەرەز دېگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر |
|
1401 | 10 | 37 | وما كان هذا القرآن أن يفترى من دون الله ولكن تصديق الذي بين يديه وتفصيل الكتاب لا ريب فيه من رب العالمين |
| | | بۇ قۇرئاننى بىراۋنىڭ اﷲ قا ئىپتىرا قىلىشى ئەقلىغە سىغمايدۇ (چۈنكى قۇرئاننى ھېچ ئىنسان ئىجاد قىلالمايدۇ)، لېكىن قۇرئان ئىلگىرى كەلگەن (تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، اﷲ بەلگىلىگەن ئەھكاملارنى بايان قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭدا ھېچ شەك يوقتۇر، (ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر |
|
1402 | 10 | 38 | أم يقولون افتراه قل فأتوا بسورة مثله وادعوا من استطعتم من دون الله إن كنتم صادقين |
| | | ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇپ چىققان» دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، اﷲ تىن باشقا (ياردەمگە) چاقىرالايدىغانلىكى كىشىڭلارنى چاقىرىپ، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار» |
|
1403 | 10 | 39 | بل كذبوا بما لم يحيطوا بعلمه ولما يأتهم تأويله كذلك كذب الذين من قبلهم فانظر كيف كان عاقبة الظالمين |
| | | ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باققىن |
|