نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1371 | 10 | 7 | إن الذين لا يرجون لقاءنا ورضوا بالحياة الدنيا واطمأنوا بها والذين هم عن آياتنا غافلون |
| | | شۈبھىسىزكى، بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى اﷲ قا مۇلاقات بولۇشنى كۆزلىمەيدىغانلار)، دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەنلا رازى بولغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلار، |
|
1372 | 10 | 8 | أولئك مأواهم النار بما كانوا يكسبون |
| | | - ئەنە شۇلارنىڭ جايى، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، دوزاخ بولىدۇ |
|
1373 | 10 | 9 | إن الذين آمنوا وعملوا الصالحات يهديهم ربهم بإيمانهم تجري من تحتهم الأنهار في جنات النعيم |
| | | شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى پەرۋەردىگارى، ئۇلارنىڭ ئىمانى سەۋەبىدىن، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان نازۇنېمەتلىك جەننەتلەرگە يېتەكلەيدۇ |
|
1374 | 10 | 10 | دعواهم فيها سبحانك اللهم وتحيتهم فيها سلام وآخر دعواهم أن الحمد لله رب العالمين |
| | | ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى: «ئى رەببىمىز، بىز سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېيىشتىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ جەننەتتە (بىر - بىرىگە) بېرىدىغان سالامى: «(ئەھلى دوزاخ چېكىۋاتقان ئازابتىن) ئامان بولغايسەن (يەنى ئەسسالامۇئەلەيكۇم)» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر!» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر |
|
1375 | 10 | 11 | ولو يعجل الله للناس الشر استعجالهم بالخير لقضي إليهم أجلهم فنذر الذين لا يرجون لقاءنا في طغيانهم يعمهون |
| | | ئەگەر اﷲ كىشىلەر تەلەپ قىلغان يامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇلار تەلەپ قىلغان ياخشىلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىرىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەجىلى چوقۇم يەتكەن بولاتتى (يەنى ھالاك بولاتتى). بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىمىز |
|
1376 | 10 | 12 | وإذا مس الإنسان الضر دعانا لجنبه أو قاعدا أو قائما فلما كشفنا عنه ضره مر كأن لم يدعنا إلى ضر مسه كذلك زين للمسرفين ما كانوا يعملون |
| | | ئىنسانغا بىرەر زىيان - زەخمەت يەتسە، ياتسىدۇ، ئولتۇرسىدۇ، تۇرسىدۇ، (ئۇنى دەپئى قىلىشىمىزنى تىلەپ) بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يەتكەن زىيان - زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك، يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ، ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى |
|
1377 | 10 | 13 | ولقد أهلكنا القرون من قبلكم لما ظلموا وجاءتهم رسلهم بالبينات وما كانوا ليؤمنوا كذلك نجزي القوم المجرمين |
| | | سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر زۇلۇم قىلغاندا (يەنى كاپىر بولغاندا، گۇمراھلىقتا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلەرگە) ئىمان كەلتۈرمىدى. گۇناھكار قەۋمنى (يەنى مەككە مۇشرىكلىرىنى) شۇنىڭغا ئوخشاش جازالايمىز |
|
1378 | 10 | 14 | ثم جعلناكم خلائف في الأرض من بعدهم لننظر كيف تعملون |
| | | سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى (يەنى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنى) (ھالاك قىلغان) دىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى ئورۇنباسار قىلدۇق |
|
1379 | 10 | 15 | وإذا تتلى عليهم آياتنا بينات قال الذين لا يرجون لقاءنا ائت بقرآن غير هذا أو بدله قل ما يكون لي أن أبدله من تلقاء نفسي إن أتبع إلا ما يوحى إلي إني أخاف إن عصيت ربي عذاب يوم عظيم |
| | | ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار): «بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئاننى كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن (يەنى ئازابقا دائىر ئايەتنى رەھمەت ئايىتىگە ئۆزگەرت، ئىلاھلىرىمىزنى سۆككەننىڭ ئورنىغا مەدھىيلە، ھارامنى ھالال قىل)» دەيدۇ. «مەن ئۇنى ئۆزۈمچە ئۆزگەرتەلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھيىگىلا ئەمەل قىلىمەن؛ ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، ئەلۋەتتە، بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن قورقىمەن» دېگىن |
|
1380 | 10 | 16 | قل لو شاء الله ما تلوته عليكم ولا أدراكم به فقد لبثت فيكم عمرا من قبله أفلا تعقلون |
| | | «ئەگەر اﷲ ئىرادە قىلسا، سىلەرگە ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلماس ئىدىم، اﷲ مۇ ئۇنى (مەن ئارقىلىق) سىلەرگە بىلدۈرمەس ئىدى. ئاراڭلاردا ئۇنىڭدىن (يەنى قۇرئان نازىل بولۇشتىن) ئىلگىرى ئۇزۇن زامان تۇردۇم، (مۆجىزە بولغان بۇ قۇرئاننىڭ پەقەت اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىنى بىلىشكە) ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېگىن |
|