نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1364 | 9 | 129 | فإن تولوا فقل حسبي الله لا إله إلا هو عليه توكلت وهو رب العرش العظيم |
| | | (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار (ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، سەن: «اﷲ ماڭا. كۆرىدۇ قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى اﷲ قا يۆلەندىم، اﷲ تىن باشقا ھېچ ئەھەدىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن ۋە ھېچ ئەھەدىدىنمۇ قورقمايمەن)، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن |
|
1365 | 10 | 1 | بسم الله الرحمن الرحيم الر تلك آيات الكتاب الحكيم |
| | | ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەتلىك كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر |
|
1366 | 10 | 2 | أكان للناس عجبا أن أوحينا إلى رجل منهم أن أنذر الناس وبشر الذين آمنوا أن لهم قدم صدق عند ربهم قال الكافرون إن هذا لساحر مبين |
| | | ئىنسانلارنىڭ بىرىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا): ئىنسانلار (يەنى كاپىرلار) نى (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغىن، مۆمىنلەرگە پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن، دەپ ۋەھيى قىلغانلىقىمىزدىن ئۇلار ئەجەبلىنەمدۇ؟ كاپىرلار: «بۇ ھەقىقەتەن ئاشكارا سېھىرگەردۇر» دېدى |
|
1367 | 10 | 3 | إن ربكم الله الذي خلق السماوات والأرض في ستة أيام ثم استوى على العرش يدبر الأمر ما من شفيع إلا من بعد إذنه ذلكم الله ربكم فاعبدوه أفلا تذكرون |
| | | شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار اﷲ دۇر، ئۇ ئىنسانلارنى، زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. اﷲ خالايىقنىڭ ئىشلىرىنى (ئۆز ھېكمىتىگە مۇۋاپىق) ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ھەر قانداق شاپائەت قىلغۇچى ئالدى بىلەن اﷲ نىڭ ئىزنىنى ئالىدۇ، ئەنە شۇ اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ۋەز - نەسىھەت ئالمامسىلەر؟ |
|
1368 | 10 | 4 | إليه مرجعكم جميعا وعد الله حقا إنه يبدأ الخلق ثم يعيده ليجزي الذين آمنوا وعملوا الصالحات بالقسط والذين كفروا لهم شراب من حميم وعذاب أليم بما كانوا يكفرون |
| | | (قىيامەت كۈنى) ھەممىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، اﷲ نىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، شۈبھىسىزكى، مەخلۇقاتنى دەسلەپتە اﷲ ياراتقان، (ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، قىيامەت كۈنى) ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتلاش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ، كاپىرلارنىڭ بولسا، ئۆزلىرىنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن، (دوزاختىكى) ئىچىملىكى قاتتىق قاينىغان سۇ بولىدۇ ھەمدە ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ |
|
1369 | 10 | 5 | هو الذي جعل الشمس ضياء والقمر نورا وقدره منازل لتعلموا عدد السنين والحساب ما خلق الله ذلك إلا بالحق يفصل الآيات لقوم يعلمون |
| | | اﷲ قۇياشنى نۇر چاچقۇچى ۋە ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى، يىللارنىڭ سانىنى ۋە (ۋاقىتلارنىڭ) ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئايغا مەنزىللەرنى (يەنى بۇرۇجلارنى) تەيىن قىلدى. اﷲ ئۇلارنى بىكار ياراتقىنى يوق (بەلكى بۈيۈك ھېكمەت ۋە زور پايدىلىق ئۈچۈن ياراتتى)، اﷲ ئايەتلىرىنى (قۇدرىتى ئىلاھىيىنى) بىلىدىغان (ۋە ئۇنىڭ ھېكمىتىنى پىكىر قىلىدىغان) قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلىدۇ |
|
1370 | 10 | 6 | إن في اختلاف الليل والنهار وما خلق الله في السماوات والأرض لآيات لقوم يتقون |
| | | كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، اﷲ ئاسماندا ۋە زېمىندا ياراتقان شەيئىلەردە (اﷲ تىن) قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھەقىقەتەن، (اﷲ نىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار |
|
1371 | 10 | 7 | إن الذين لا يرجون لقاءنا ورضوا بالحياة الدنيا واطمأنوا بها والذين هم عن آياتنا غافلون |
| | | شۈبھىسىزكى، بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى اﷲ قا مۇلاقات بولۇشنى كۆزلىمەيدىغانلار)، دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەنلا رازى بولغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلار، |
|
1372 | 10 | 8 | أولئك مأواهم النار بما كانوا يكسبون |
| | | - ئەنە شۇلارنىڭ جايى، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، دوزاخ بولىدۇ |
|
1373 | 10 | 9 | إن الذين آمنوا وعملوا الصالحات يهديهم ربهم بإيمانهم تجري من تحتهم الأنهار في جنات النعيم |
| | | شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى پەرۋەردىگارى، ئۇلارنىڭ ئىمانى سەۋەبىدىن، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان نازۇنېمەتلىك جەننەتلەرگە يېتەكلەيدۇ |
|