نتائج البحث: 6236
|
ترتيب الآية | رقم السورة | رقم الآية | الاية |
1293 | 9 | 58 | ومنهم من يلمزك في الصدقات فإن أعطوا منها رضوا وإن لم يعطوا منها إذا هم يسخطون |
| | | (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ بەزىسى سېنىڭ سەدىقە (ۋە غەنىيمەت) لەرنى تەقسىم قىلىشىڭنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارغا ئۇنىڭدىن بېرىلسە خۇش بولىدۇ، بېرىلمىسە خاپا بولۇشىدۇ |
|
1294 | 9 | 59 | ولو أنهم رضوا ما آتاهم الله ورسوله وقالوا حسبنا الله سيؤتينا الله من فضله ورسوله إنا إلى الله راغبون |
| | | ئەگەر ئۇلار اﷲ نىڭ ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگىنىگە رازى بولسا ۋە: «اﷲ بىزگە. كۆرىدۇ قىلىدۇ، اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىدۇ، بىز ھەقىقەتەن اﷲ تىن (اﷲ نىڭ پەزلىنى، ئېھسانىنى) ئۆتۈنۈپ سورىغۇچىلارمىز» دېسە، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولاتتى |
|
1295 | 9 | 60 | إنما الصدقات للفقراء والمساكين والعاملين عليها والمؤلفة قلوبهم وفي الرقاب والغارمين وفي سبيل الله وابن السبيل فريضة من الله والله عليم حكيم |
| | | زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، اﷲ نىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ اﷲ نىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر |
|
1296 | 9 | 61 | ومنهم الذين يؤذون النبي ويقولون هو أذن قل أذن خير لكم يؤمن بالله ويؤمن للمؤمنين ورحمة للذين آمنوا منكم والذين يؤذون رسول الله لهم عذاب أليم |
| | | ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەرگە (سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق) ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ ۋە (پەيغەمبەرنى) «ئاڭلىغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىدۇ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «(دۇرۇس، ئۇ) سىلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىشىنىدۇ، اﷲ نىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ سۆزىگە (ئۇلارنىڭ ئىخلاسىنى بىلگەنلىكتىن) ئىشىنىدۇ، ئۇ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر» اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ |
|
1297 | 9 | 62 | يحلفون بالله لكم ليرضوكم والله ورسوله أحق أن يرضوه إن كانوا مؤمنين |
| | | ئۇلار سىلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن (پەيغەمبەرگە تېگىدىغان گەپنى قىلمىدۇق دەپ) اﷲ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار راستلا مۆمىن بولىدىغان بولسا، اﷲ نى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رازى قىلىشلىرى كېرەك ئىدى |
|
1298 | 9 | 63 | ألم يعلموا أنه من يحادد الله ورسوله فأن له نار جهنم خالدا فيها ذلك الخزي العظيم |
| | | (بۇ مۇناپىقلار) اﷲ قا ۋە ئۇنى پەيغەمبىرىگە كىمكى قارشىلىق كۆرسىتىدىكەن، ئۇنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى، دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەنە شۇ چوڭ رەسۋالىقتۇر |
|
1299 | 9 | 64 | يحذر المنافقون أن تنزل عليهم سورة تنبئهم بما في قلوبهم قل استهزئوا إن الله مخرج ما تحذرون |
| | | مۇناپىقلار ئۆزلىرى توغرىسىدا بىرەر سۈرە نازىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى (يەنى نىفاقنى) مۆمىنلەرگە خەۋەر بېرىشتىن قورقىدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر (اﷲ نىڭ دىنىنى خالىغىنىڭلارچە) مەسخىرە قىلىڭلار، سىلەر (پاش بولۇشتىن) قورقىدىغان نەرسىنى (يەنى مۇناپىقلىقنى) اﷲ چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ» |
|
1300 | 9 | 65 | ولئن سألتهم ليقولن إنما كنا نخوض ونلعب قل أبالله وآياته ورسوله كنتم تستهزئون |
| | | (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: «بىز (راست ئەمەس)، پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق» دەيدۇ. (بۇ مۇناپىقلارغا) «سىلەر اﷲ نىڭ دىنىنى، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن |
|
1301 | 9 | 66 | لا تعتذروا قد كفرتم بعد إيمانكم إن نعف عن طائفة منكم نعذب طائفة بأنهم كانوا مجرمين |
| | | سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز |
|
1302 | 9 | 67 | المنافقون والمنافقات بعضهم من بعض يأمرون بالمنكر وينهون عن المعروف ويقبضون أيديهم نسوا الله فنسيهم إن المنافقين هم الفاسقون |
| | | مۇناپىق ئەرلەر بىلەن مۇناپىق ئاياللار (مۇناپىقلىقتا ۋە ئىماندىن يىراق بولۇشتا) بىر - بىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ، ئۇلار قوللىرىنى يۇمۇۋالىدۇ (يەنى بېخىللىق قىلىپ سەدىقە بەرمەيدۇ). ئۇلار اﷲ نى ئۇنتۇدى (يەنى اﷲ نىڭ تائىتىنى تەرك ئەتتى)، اﷲ مۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى (يەنى اﷲ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ۋە رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلدى). شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار پاسىقلاردۇر |
|